چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي قاتارلىق 55 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
يۇقىرىقى بۇ پائالىيەتچىلەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خوڭكوڭنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى مۇداپىيە قىلىش تەشكىلاتى قاتارلىقلارنىڭمۇ قوللىشى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسى، ياۋروپا كومىسسىيونىنىڭ رەئىسى ۋە ياۋروپانىڭ باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىگە ئوچۇق خەت يېزىپ، بۇ ھەقتىكى ئەندىشىنى يەتكۈزدى.
مەكتۇبتا مۇنۇلار دىيىلدى: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئۆلچىمىنىڭ ھېچقايسىسىغا ھۆرمەت قىلمايدىغان بىر ئەدلىيە سىستېمىسىنى قانۇنلاشتۇرۇپلا قالماستىن، ئۇلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي تېرورلۇق تۈزۈمىنى چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ».
ئۇنىڭدا يەنە مۇنۇلار دىيىلدى: «ياۋروپادا پاناھلىنىۋاتقان سۈرگۈندىكى پائالىيەتچىلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ئاكتىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى بىزنى قايغۇغا سالماقتا. ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىلتىماسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش تەرتىپىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇلار بىزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدىكى ھەرىكەت ئەركىنلىكىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئەركىنلىك ۋە پىكىر ئەركىنلىكىمىزگە يوشۇرۇن تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە. چۈنكى بېيجىڭ بىزنىڭ ياۋروپادا قىلغان بايانلىرىمىز سەۋەبىدىن بىزنىڭ تاپشۇرۇپ بېرىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن».
مەزكۇر خەتكە ئىمزا قويغۇچىلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، خوڭكوڭنىڭ سابىق دېموكراتىيەنى ياقىلىغۇچى پارلامېنت ئەزاسى ناتان لاۋ، خىتاي سەنئەتكار ۋە پائالىيەتچى ئەي ۋېيۋېي، خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان كىتابپۇرۇش گۈي مىنخەينىڭ قىزى ئانگېلا گۈي ۋە تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن شاۋجياڭ قاتارلىقلار بار.
ئۇلار مەكتۇبىدا ياۋروپا دۆلەتلىرى گەرچە سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنى قايتۇرمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆكتىچىلەرنى ئىقتىسادىي جىنايەتلەر بىلەن قارىلاپ قايتۇرۇۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ خەتەرلىك ئۆرنەكلىرىنىڭ يېقىندا شىۋىتسىيە، پولشا ۋە ئىسپانىيەدە كۆرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دۆلەتنىڭ ھېلىھەم خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى بار بولۇپ، ئۇلار بېلگىيە، بۇلغارىيە، سىپرۇس، فرانسىيە، گرېتسىيە، ئىتالىيە، لىتۋا، پورتۇگالىيە، رۇمىنىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىقلار ئىكەن.
مەزكۇر چاقىرىققا ئاۋاز قوشقان سىياسەتچىلەردىن بېلگىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى سامۇئىل كوگولاتى سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشەنچلىك ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپادىكى نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر بېيجىڭ بىلەن داۋاملىق ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ كېلىشىملەرنىڭ بىكار قىلىنىشى بېيجىڭغا ئېنىق ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ: قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ھەر قانداق ھۆكۈمەت ئالدى بىلەن پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك،» دەپ تەكىتلىگەن.