كۇرد كامپبېل ئامېرىكانىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتا ئاسىيادىكى شېرىك دۆلەتلەر بىلەن كەڭ كۆلەملىك ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان

ئامېرىكا ئاقساراىينىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى كۇرد كامپبېل خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ ئاسىيادىكى شېرىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۇرد كامپبېل 6-يانۋار كۈنى ۋاشىنگتوندىكى بىر ئاقىللار مەركىزىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقاندا شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىنى ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان زومىگەرلىك سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغان.

ئۇ خىتاينىڭ بۈگۈنكىدەك دۇنيا سەھنىسىدە قەد كۆتۈرۈشىدە ئامېرىكانىڭ ياردىمىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، ئەمما ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەگە قارىتا زورلۇق-رومبىلىق خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىنى، جەنۇبىي دېڭىز، شەرقىي دېڭىز، تەيۋەن بوغۇزى ۋە ھىندىستان بىلەن بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىلىرىدىمۇ ناھايىتى زومىگەرلەرچە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، قىسقىسى ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنياغا قارىتا «ئۇرۇش بۆرىسى دىپلوماتىيەسى» بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، بىز خىتاينىڭ قىلىۋاتقان بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىپ، بىز ۋە شېرىكلىرىمىزنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئاسىيا مەشغۇلات سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز» دېگەن.

شۇڭا ئۇ «ئاسىيا رايونى ئامېرىكا ھەقىقەتەنمۇ ئويۇننى كۈچەيتىشى كېرەك بولغان رايون» دەپ تەكىتلەپ، ئامېرىكانىڭ 2022-يىلىدا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى شېرىك دۆلەتلەر بىلەن ئەنئەنىۋى دىپلوماتىك ۋە ھەربىي ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇشتىن باشقا، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، پەن-تېخنىكا ۋە ئۇچۇر ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «بىزنىڭ خىتايغا قارىتىدىغان سىياسىتىمىز دەل خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن كەڭ كۆلەملىك ھەمكارلىق ئورنىتىش بولىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

كۇرد كامپبېل ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ساھىبخانىلىق قىلغان بىر پائالىيەتتە سۆز قىلغاندىمۇ «ئامېرىكادا خىتاي بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئارىلىشىش دەپ تەسۋىرلىنىۋاتقان دەۋر ئەمدى ئاخىرلاشتى، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارىتىدىغان سىياسىتى يېڭى بىر يۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك پارامېتىرلار (دائىرەلەر) ئىچىدە بولىدۇ ۋە ئۇنىڭدىكى ھۆكۈمرانلق ئەندىزىسى رىقابەتتە بولىدۇ،» دېگەنىدى.