ئامېرىكانىڭ سابىق پرېزىدېنتى ترامپ دەۋرىدىكى ب د ت دا تۇرۇشلىق باش ئەلچىسى نىككى ھېيلېي، كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر يىغىندا بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆز خەلقىگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلىشىگە قارىتا خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىغىننى بايقۇت قىلىشىغا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ سۆزىدە بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ «نومۇس قىلىشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر يىغىندا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپېرانت ئوقۇغۇچىسى، يېڭى زېللاندىيە پۇقراسى بولغان رىزۋانگۈل نۇرمۇھەممەد يىغىنغا ئېكران ئارقىلىق قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىگەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئېلىسسا سلوتكىندىن سۇئال سورىغان.
ئىنىسى مەۋلان نۇرمۇھەممەد خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان رىزۋانگۈل نۇرمۇھەممەد، ئېلىسسا سلوتكىندىن ئۇكرائىناغا ئاكتىپ ياردەم قىلىۋاتقان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا تېخىمۇ كۆپ ئىمبارگو يۈرگۈزمىگەنلىكىنى سورىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ يىغىن مەيدانىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەسخرىسىگە ئۇچرىغان، 40 تەك خىتاي ئوقۇغۇچى يىغىن مەيدانىدىن چىقىپ كەتكەن. بۇ ۋەقە خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆز ئوقۇغۇچىسى رىزۋانگۈل نۇرمۇھەممەدنى قوغدىماسلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.
«ۋاشىنگتون ئەركىن ماياك» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نىككى ھېيلېي كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى «رىزۋانگۈلگە ئىگە چىقمىغانلىقى ئۈچۈن نۇمۇس قىلىشى كېرەك» دىگەن.
ئۇ يەنە «ئۆز قەلبىنىڭ رىزۋانگۈل بىلەن بىللە» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇ ئاۋازىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ھەقىقەتنى سۆزلىدى. كورنېل ئۇنىڭغا ئىگە چىقمىغانلىقىدىن نۇمۇس قىلىشى كېرەك. مەن ئۇنىڭ يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى دۇنياغا داۋاملىق سۆزلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،» دەپ كۆرسەتكەن.
رىزۋانگۈلنىڭ ئىنىسى مەۋلان نۇرمۇھەممەد خىتاينىڭ 2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا باشلىغان چوڭ تۇتقۇنىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.