ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلغار تېخنىكا ساھەسىدە چەت ئەلگە، بولۇپمۇ خىتايغا مەبلەغ سالغۇچىلارنى تەكشۈرۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئامېرىكاغا كېلىدىغان تەھدىتنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ پىلاننى ئىجرا قىلىش بۇيرۇقى مۇشۇ بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىكەن. بۇ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئادا-جۇدا بولۇشىدىكى يەنە بىر مۇھىم تەرەققىيات ھېسابلىنىدىكەن.
ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى تورى Nikkei Asia نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتايغا مەبلەغ سالماقچى بولسا، «ئامېرىكا چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش كومىتېتىى» نىڭ قاتتىق تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىدىكەن. مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەر مەبلەغ سېلىشتىن ئاۋۋال نېمىگە مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن؛ خىتاينىڭ ئىلغار ھەربىي قوراللارنى تەرەققىىي قىلدۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان تېخنىكىلارغا، مەسىلەن كومپيۇتېر ئۆزىكى (چىپ)، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيال، ئاتوم تېخنىكىسى قاتارلىقلارغا مەبلەغ سالالمايدىكەن.
بۇ پىلان يولغا قويۇلسا، ئامېرىكا شىركەتلىرىلا ئەمەس، ئامېرىكا بىلەن خىتايدا تەڭلا سودا قىلىدىغان خەلقئارالىق شىركەتلەرمۇ تەسىرگە ئۇچرايدىكەن.
ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىر قانۇن تۇرغۇزۇپ، مىنىستىرلىك ھالقىغان ئالاھىدە تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ، ئامېرىكادىن چەت ئەلگە ئېقىۋاتقان مەبلەغنى تەكشۈرمەكچى بولغان. خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن بۇ قانۇن ماقۇللانمىغان. مۆلچەرلىنىشىچە، ئامېرىكادىن چىقىپ كەتكەن مەبلەغنىڭ 40 پىرسەنتى خىتايغا سېلىنغان. ئامېرىكا پېنسىيە فوندىنىڭ خىتايغا سالغان مەبلىغى ئەڭ كۆپ بولغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتايغا بولغان قاتتىق پوزىتسىيەسى ئۆزگەرمىگەن، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھاۋا شارى ۋەقەسىدىن كېيىن بايدېن ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭغا جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا كىرىشكەن. ئامېرىكا شىركەتلىرىمۇ خىتايغا مەبلەغ سېلىشتىن چېكىنىدىغان ئەھۋال يۈز بەرگەن. ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئامېرىكانىڭ خىتايغا سالغان مەبلىغى ئون يىل بۇرۇنقىدىن يېرىم ھەسسە ئازلىغان.