خىتايدىن كېلىۋاتقان كۆپلىگەن تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقان بولۇپ، شۇلارنىڭ بىرى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ زور كۆلەملىك سانائەت قانۇنىنى ماقۇللاشقا تەرەددۇت قىلىشى ئىكەن. بۇ يېڭى قانۇن لايىھەسى بويىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاز دېگەندىمۇ 250 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ، ئامېرىكانىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تېخنولوگىيە ساھەسىنى جانلاندۇرىدىكەن.
«نيو-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 7-ئىيۇندىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئىيۇن كۈنى ئاۋازغا قويۇلىدىغان بۇ قانۇن لايىھەسى ئاساسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سودا ۋە ھەربىي ئىشلار ساھەسىدىكى تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ماقۇللىنىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ساھەگە قول تىقماسلىقتەك سىياسىتى ئۆزگىرىپ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىشى، تەقلىدىي ئەقىل، مىقدارلىق ھېساپلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى تېخنولوگىيە ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشنى ھەر ئىككى پارتىيە قوللايدىغان ۋەزىيەت يارىتىلىدىكەن.
نۆۋەتتە ئامېرىكا سىياسىيونلىرى بىردەك خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقى ئارقىلىق يۇقۇرىدا ئېيتىلغان پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى مونوپۇل قىلىۋالغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ غايەت زور دەرىجىدە خىتايغا ئېقىپ كېتىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا مۇشۇ ئىقتىسادنى دەسمايە قىلىپ تۇرۇپ ئامېرىكا ئۈچۈن يېڭى تەھدىتلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن.
كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىدىن چاك شۇمېر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز مۇشۇ ساھەلەردىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى قولغا ئالىمىز، دەيدىكەنمىز جەزمەن مۇشۇ ساھەگە مەنسۇپ سانائەتكە مەبلەغ ئاجرىتىشىمىز، شۇ ئارقىلىق ئىش پۇرسىتىنىمۇ كۆپەيتىشىمىز لازىم،» دېگەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يېڭى تەدبىرى خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان «2025 خىتايدا ئىشلەنگەن» قۇرۇلۇشىغا باراۋەر كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى يۇقۇرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئىشلەپچىقىرىشتا خىتايغا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكاغا تايىنىشقا جەلپ قىلىشنى كۆزلىمەكتە ئىكەن.