ئامېرىكا ئاخباراتلىرىدا دائىم كۆزگە چېلىقىدىغان مۇستەقىل ئانالىزچى گوردون چاڭ 29-ئىيۇن كۈنى «قوۋۇقتاش ئىنستىتۇتى» (Gatestone Institute) نىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان ئوبزور ماقالىسى ئارقىلىق ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشى لازىملىقىنى، شۇنىڭدەك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قاتارلىق ۋاستىلار ئارقىلىق «قان شوراش» ھەمدە ئۆزىنى كۈچلەندۈرىشىگە سۈكۈت قىلماسلىقنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ئاپتور «تاجىسىمان ۋىرۇسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى قەستەن تارقاتقان» دېگەن قارىشىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ، بۇ ۋىرۇس تۈپەيلىدىن 600 مىڭدىن ئارتۇق ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر يىلى ئاز دېگەندىمۇ يېرىم ترىلليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئەقلىي مۈلۈكنى ئوغرىلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارا ھالدا «ئامېرىكاغا قارشى خەلق ئۇرۇشى» تەشۋىقاتى قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي «ھالسىراپ قېلىۋاتقان» ھالەتتە بولۇپ، زور دەرىجىدە ئامېرىكا بازىرىغا تايىنىپ قالماقتا ئىكەن. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر زور دەرىجىدە ئېكىسپورت قىلىشقا مۇھتاج ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە مېڭىۋاتقان تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھالاكەتكە يۈزلىنىۋاتقان ئاجىز گەۋدىسىگە «قان تولۇقلىۋېلىشى» غا يول قويماسلىقى لازىم ئىكەن. بولۇپمۇ Nike، Apple قاتارلىقلار ۋاستىلىك ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىۋاتقان ھەمدە بۇنىڭغا خاتىمە بېرىشنى رەت قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جەزمەن بۇنىڭغا قارشى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك چارىلەرنى تېپىپ چىقىشى لازىم ئىكەن.
ئاپتور ئاخىرىدا خۇلاسە تەرىقىسىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئۈچۈن شۇنچە كۆپ تەھدىتلەرنى پەيدا قىلىۋاتقاندا، بۇ خىل دۈشمەنلىككە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي كېسىپ تاشلاش،» دېگەن.