ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جېنىت يېلىن يېقىندا ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ بىرلىك سەپ قۇرۇپ، خىتاينىڭ تەڭسىز سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلمىشلىرىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جېنىت يېلىن 12-ئىيۇل بىريۇسسېلدا ئېلىپ بارغان تۇنجى زىيارىتىدە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يېڭى تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش سېپىدىن ئورۇن ئېلىشقا چاقىرغان.
ئۇ سەيشەنبە كۈنى (13-ئىيۇل) ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىش يىغىنىدا خىتاينى «خەلقئارا سودا قائىدىسىگە ئەمەل قىلمايدىغان، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەت» دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە «بىز ئاشكارا، ئادىل رىقابەت، ئوچۇق كېلىشىم ۋە جاۋابكارلىق پرىنسىپىغا كېلىۋاتقان تەھدىتكە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن بۇنىڭغا قارشى ئىنكاس بىلدۈرۈپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىلىرىگە ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا كارخانىلىرى خىتايدىن كۆپ مىقداردا مال ئېلىشتىن چەكلەنگەنلىكى، ئەمما خىتاي كارخانىلىرى ياۋروپادىن نەچچە ئون مىليارد دوللارلىق تېخنىكا ۋە داڭلىق ماركىلارنى سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي بۇنىڭدىن بىئارام بولغان.