گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 ئاممىۋى تەشكىلات چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشقا قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى قۇردى
2024.08.13
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، بېلورۇسلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 ئاممىۋى تەشكىلات، ئىستىبدات دۆلەتلەرنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى قۇرغان.
يۇقىرىقى 11 تەشكىلاتنىڭ 11-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان باياناتىدا كۆرسىتىشىچە، گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھاجىرەت تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ بىرلەشمىسى، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ تەھدىتى ھەم ئۇنىڭ گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە خەۋپسىزلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە دىققەت قوزغاشنى مەقسەت قىلماقتا ئىكەن. مەزكۇر بىرلەشمە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى كۈچىيىپ، قارا قولىنى ھەر قايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە خىتاي دېموكراتلىرىغا سۇنۇۋاتقان، ھەتتا بەزى دۆلەتلەردە مەخپىي ساقچى پونكىتلىرىنى قۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان پائالىيەتلەردە بولۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلماقتا.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «دۇنيا مىقياسىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىستىبداتلىقنىڭ تەنقىدىي سادالارنى، ئۆكتىچىلەرنى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ۋە ژۇرنالىستلارنى بارغانچە سەرگەردانلىققا مۇپتىلا قىلماقتا. گېرمانىيە بۇ تائىپە كىشىلەر ئۈچۈن مۇھىم ماكان. ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد، مۇھاجىرەت تورىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە كەلگەن رايون بىلەن بولغان ئالاقىسى بۇ كىشىلەرنى ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەرنىڭ نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. گېرمانىيەدىمۇ تەنقىدىي سادالار ۋە تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر كەلگەن دۆلىتىنىڭ باستۇرۇش نىشانى بولۇپ قالماقتا.»
باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر بىرلەشمە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنى چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى مۇھاجىر ۋە مۇساپىرلار توپلىرىنى قورقۇتۇش، جىمىقتۇرۇش ياكى ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتىكى بىر ئىستراتېگىيەسى، دەپ قارىماقتا ئىكەن.
باياناتتا يەنە، چېگرا ھالقىغان بەزى ھەرىكەتلەر گېرمانىيە قانۇنىدا جاۋابكارلىققا تارتىلسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن دېلولارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىشتىن خالىي ئىكەنلىكى، شۇڭا بۇ بىرلەشمە گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھادىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ، ئۇنىڭغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.