بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى نىشان قىلغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى كۈنتەرتىپكە قويماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە، ئامېرىكا خىتاينى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسى جۇغراپىيەلىك رەقىبى، دەپ قاراۋاتقان بولۇپ، ماقۇللىنىدىغان بۇ قانۇن-تەدبىرلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئۈستىدىن غالىپ كېلىشىگە كېپىللىك قىلىدۇ، دەپ قارالماقتا ئىكەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 8-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون مۇلېنار بۇ قانۇنلاردا «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەربىي، ئىقتىسادى ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى تەھدىتلىرىگە قارشى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئېلىنىدۇ» دېگەن.
جون مۇلېنارنىڭ قەيت قىلىشىچە، «بۇ رىقابەتتە غەلىبە قىلىش ھەر ئىككى پارتىيەسىنىڭ نىشانى» ئىكەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يازلىق تەتىلدىن كېيىنكى خىزمەت نىشانىنىڭ ئاساسى نۇقتىسىنى خىتايغا قارىتىشى، ئاق ساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جەك سۇلىۋان بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ ئارقىسىدىنلا باشلانغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك بۇ قانۇن لايىھەلىرى خىتاي بىئو-تېخنىكا شىركەتلىرىگە تايىنىشىنى ئازايتىش، خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە ئادەمسىز ئۇچقۇلىرىنى چەكلەش، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىدا دېھقانچىلىق مەيدانى سېتىۋېلىشىنى مەنئى قىلىش، ئېكسپورت چەكلىمىلىرىنى كۈچەيتىش، ئامېرىكا ئەقلىي مۈلۈك ساھەسىگە قارىتىلغان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى يوقىتىش پىروگراممىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى تېخى يېقىندىلا ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىئو-تېخنىكا شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى كىلىنىكىلىق سىناق نىشانى قىلىشىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئاۋام پالاتاسى قانۇن لايىھەلىرىنىڭ بىرىدە، خىتاينىڭ BGI ناملىق گېن شىركىتى تىلغا ئېلىنغان. بۇ شىركەت ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا گېن سانلىق مەلۇماتلىرىدىن پايدىلىنىشىغا ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى.