ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەنگىلىيە ۋە ئاۋىستىرالىيە بىلەن يېڭى ئۈچ تەرەپلىك بىخەتەرلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى. مەزكۇر بىرلىكسەپ بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىكەن.
CNN تېلىۋىزىيەسى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يۇقىرىقى بۇ ئۈچ دۆلەت ھەمكارلىقىنى «خىتايغا قارشى قۇرۇلغان قورغان» دەپ ئاتىغان. بۇ ھەمكارلىق كېلىشىمى بويىچە ئامېرىكا ئاۋسترالىيەنىڭ يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى ياساپ چىقىشىغا ياردەم قىلىدىكەن.
مەزكۇر ھەمكارلىق كېلىشىمى 15-سېنتەبىر چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ۋە ئاۋىستىرالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن سىن يىغىنى بىلەن ئېلان قىلىنغان. جوۋ بايدېن يىغىندىكى سۆزىدە بېيجىڭنىڭ ئىسمىنى ئوچۇق تىلغا ئالمىغان، بىراق ئاۋسترالىيەنىڭ يادرو ئېنىرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتىغا ئىگە بولۇشى ھەققىدە توختالغاندا: «دۆلەتلەر تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان تەھدىتلەردىن مۇداپىيەلىنىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تېخنىكىلارغا ئىگە بولۇشى كېرەك،» دېگەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ خەلقلىرىمىز 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ بىللە تۇرۇپ كەلدى. بۈگۈن بىز ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە رەسمىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن يەنە بىر تارىخىي قەدەم تاشلاۋاتىمىز. . . چۈنكى ھەممىمىز ھىندى-تېنچ ئوكياننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتتۇق».
CNN تېلىۋىزىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيەگە قۇراشتۇرۇلۇپ بېرىلىدىغان ھەربىي پاراخوتلار ئاۋستىرالىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىقتىدارىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكەت ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدىكەن. ئۇلار يەنە تور بىخەتەرلىكى، سۈنئىي ئەقىل ۋە كىۋانتۇم كومپۇتېر تېخنىكىسى تەرەققىياتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
خىتاينىڭ ۋاشىنگىتوندىكى باش ئەلچىخانىسى 15-سېنتەبىر كۈنى دەرھال بۇ بىرلىكسەپكە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئەلچىخانا باياناتچىسى ليۇ پېڭيۇ ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە ئاۋسترالىيەنى تەنقىدلەپ: «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سوغۇق ئۇرۇش روھىي ھالىتى ۋە ئىدىيىۋى جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قارىشىنى يوقىتىشى كېرەك،» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ھەمكارلىق قارارى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن كېلەر ھەپتە «4 دۆلەت بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى يىغىنى» بويىچە ياپونىيە، ھىندىستان ۋە ئاۋسترالىيە رەھبەرلىرىنى تۇنجى قېتىم يۈزمۇ-يۈز كۈتىۋېلىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن ئېلان قىلىنغان. «4 دۆلەت بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى» مۇ خىتاي تەھدىتىگە قارشى قۇرۇلغان بىرلىكسەپ ئىدى.