ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىغا چەتئەلنىڭ چېگرا ھالقىغان پاراكەندىچىلىكىگە قارشى قانۇن لايىھەسى سۇنۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.03.20

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىغا چەتئەللەرنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ۋە پاراكەندىچىلىك ھەرىكەتلىرىنى توسۇش ۋە بۇ خىل ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان شەخس ۋە ھۆكۈمەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش توغرىسىدا قانۇن لايىھەسى سۇنۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى قانۇنى» ناملىق بۇ لايىھەنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ دېموكرات ۋە جۇمھۇرىيەتچى ئەزالىرىدىن جېف ماركېلېي، بېن ۋاردېن، ماركۇ رۇبىئو، بېن خاگېرتىي قاتارلىقلار سۇنغان بولۇپ، قانۇن لايىھەسى ئامېرىكادا ياكى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا قارىتا دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ۋە پاراكەندىچىلىك ھەرىكەتلىرىدە بولغان شەخس ھەم ھۆكۈمەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى مەقسەت قىلغانىكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئۇيغۇر ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ۋە ئامېرىكادا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنى گۆرۈگە تۇتۇش، لاگېرلارغا سولاش ياكى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا سۇنۇلغان. دېموكراتىك كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف ماركېلېي بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «بۇ قانۇن لايىھەسى مۇستەبىت دۆلەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش ۋە زۇلۇم سالغۇچى دۆلەتلەردىن قاچقانلارنى بىخەتەر پاناھگاھ بىلەن تەمىنلەشتىكى ئىنتايىن مۇھىم ھەرىكەت» دەپ كۆرسەتكەن.

جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ داۋاملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگوڭچىلار، خرىستىئانلار ۋە خوڭكوڭ توپلىرىدىن دۆلىتىمىزگە پاناھلىنىش ئۈچۈن كەلگەن مۇساپىرلار، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ نىشانىغا ئايلاندى».

«ئامېرىكا چوقۇم بىر ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ جىنايى تاكتىكىغا زەربە بېرىشى، خىتاي كومپاتىيەسىنىڭ ئامېرىكا زېمىنىدىكى كىشىلەرگە پاراكەندىچىلىك سالماسلىقى ۋە ھۇجۇم قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك».

مەلۇم بولۇشىچە، قانۇن لايىھەسىدە پرېزىدېنتنىڭ دۆلەت مەجلىسىگە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن جازالىنىدىغان شەخسلەرنىڭ تىزىملىكى بىلەن تەمىنلىشى تەلەپ قىلىنغانىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.