خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى دۇنيا مىقياسىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان بولسىمۇ، تەقلىدىي ئەقىل شىركەتلىرىنىڭ بۇ قەبىھ قىلمىشقا بېرىۋاتقان ياردەملىرى دىققەتتىن ساقىت بولۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 12-ئاپرېلدىكى باش ماقالىسىدە بۇ مەسىلە مۇھىم ئورۇن ئىگىلىدى.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇندا مىليونلىغان كىشىلەر لاگېرلارغا قامالغان بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ قامىلىشىدا تەقلىدىي ئەقىل سىستېمىسى ئەڭ زور رول ئوينىغان. گەرچە تەقلىدىي ئەقىل سىستېمىسى ئادەتتە جىنايەتلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە پەرەزلەر بىلەن تەمىن ئېتىدىغان بولسىمۇ، خىتايدا بۇ «خەتەرلىك» ۋە «ئىشەنچسىز» كىشىلەرگە ئالدىن ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ لاگېرلارغا بېرىشى بىر كېچىدىلا بەلگىلەپ قويۇلغان.
ماقالىدا ئالاھىدە قىلىپ خىتايدىكى تەقلىدىي ئەقىل شىركەتلىرىنىڭ ئەڭ نازۇك تېخنىكىلىرىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنى تېخنىكا بىلەن تەمىن ئېتىشىنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشقا ۋاسىتىلىك ھالدا شېرىك بولغانلىققا باراۋەر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىدۇ. ماقالىدا ئېنىق قىلىپ «ناۋادا بىز بۇ قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىمىز، دەيدىكەنمىز، بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم قەدەم ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇ خىل تېخنىكا ياردىمىگە خاتىمە بېرىشتىن باشلىنىشى لازىم» دېيىلىدۇ.