ئامېرىكا خىتاي ماللىرىدىن 10 پىرسەنت قوشۇلما تاموژنا بېجى ئېلىشنى يولغا قويغاندىن كېيىن، يەنە بىر يېڭى تاموژنا بېجى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭدا، ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىل، دورا ۋە مىكرو ئۆزەك (چىپ) لادىن 25 پىرسەنت ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق باج ئېلىش بەلگىلەنگەن.
19-فېۋرال «جەنۇبى خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 18-فېۋرال كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىۋاتقان ئاپتوموبىللاردىن 25 پىرسەنت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق باج ئالىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق شىركەتلەرنىڭ ئۆز زاۋۇتلىرىنى ئامېرىكاغا يۆتكەپ كېلىشىگە ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ بۇ يېڭى تاموژنا بېجىنى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئېلان قىلىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتايغا سېلىشتۇرغاندا ياپونىيە، كورېيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇ باجنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرايدىكەن. ھالبۇكى، خىتاي بۇ باجىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىمىغان بىلەن، ۋاسىتىلىك تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. چۈنكى خەلقئارا مال تەمىنلەش زەنجىرىدە خىتاينىڭ ماشىنا زاپچاسلىرى مۇھىم نىسبەتنى ئىگىلىگەن بولغاچقا، خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى سودىسى زەربىگە ئۇچرايدىكەن. دورا ساھەسىدە بولسا، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئامېرىكانى دورا ياكى دورا ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭدىن 25 پىرسەنت تاموژنا بېجى ئېلىنسا، خىتايغا زەربىسى تېخىمۇ چوڭ بولىدىكەن.
«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تەرەپ پىرېزىدېنت دونالد ترامپ 18-فېۋرال دۇنيا سودا تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويغان تاموژنا بېجىنى تەنقىدلىگەن. ئامېرىكا تەرەپ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىنىڭ ساختىپەزلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.