ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلغان تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ساقچى دۆلىتى» بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئۇزۇندىن بۇيان مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان ئىدى. بولۇپمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىن ئىمپورت قىلغان مۇشۇ بىر قاتار يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھەقلىرىنىمۇ ئاياق-ئاستى قىلىۋاتقانلىقى ئاقىۋەت ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى زور بىر مەسىلە بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. نۆۋەتتە ئاشۇ بىر قاتار شىركەتلەرنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى خىتايغا سېتىشىنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە قايسى دەرىجىدە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
«ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» 6-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ساتقان چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ «ب د ت نىڭ سودا ۋە ئىنسان ھەقلىرىدىكى يېتەكچىلىك پرىنسىپلىرى» غا رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن. ئەمما ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ئىجتىمائىي مۇقىملىق» ئۈچۈن غايەت زور كۆلەملىك نازارەت مېخانىزمى بەرپا قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋىرى بولمىغان ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ گېن ئەۋرىشكىسىنى توپلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇ پرىنسىپلارغا قايسى دەرىجىدە رىئايە قىلغانلىقى مۇھاكىمە تېمىلىرىدىن بولۇپ كەلگەن.
2017-يىلى يازدا «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس شتاتىدىكى «تېرمو فىشېر» شىركىتىنىڭ گېن ئەۋرىشكىسىنى توپلاش تېخنىكىسىنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ساقچى سىستېمىسىغا سېتىپ بەرگەنلىكىنى بايقىغان. ئۇلار شۇنىڭدىن كېيىن دەرھال بۇ شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارغا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى مەلۇم قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ تېخنىكا ئېكسپورت قىلغاندا ب د ت نىڭ ئالاقىدار پرىنسىپلىرىغا قايسى دەرىجىدە ئەمەل قىلغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلغان.
يېقىندا بۇ شىركەت «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» غا جاۋاب بېرىپ: «بىز بۇ قېتىملىق سودىنى پۈتۈنلەي قانۇنىي رەۋىشتە تاماملىدۇق. ئەمما مەھسۇلاتلىرىمىز دۇنيا مىقياسىدا سېتىلىدىغان بولغاچقا بىز بۇلارنىڭ قانداق ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىرمۇ-بىر نازارەت قىلىشقا ئىلاجىسىزمىز» دېگەن. ئەمما ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى قاباھەتلىك تۈس ئېلىشى سەۋەبلىك نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپلىگەن شىركەتلەر خەلقئارا جامائەتنىڭ «سىلەر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىشلاردا قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن. ئەمما مۇشۇ ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولماسمىدى؟» دېگەندەك سوئاللىرىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
«ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» 7-ئاۋغۇست يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا خىتاي بازىرىغا كىرمەكچى بولۇۋاتقان گۇگۇل ۋە فېيسبۇك شىركەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىگە: «تور سۈزگۈچى» ئورنىتىش تەلىپىنى قوبۇل قىلغان. شۇنداق بولغاندا خىتاي تەۋەسىدىكى گۇگۇل ۋە فېيسبۇك بەتلىرى داۋاملىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە نازارىتى ئاستىدا بولىدىكەن. خەلقئارا تەشكىلاتلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بۇ تېخىمۇ زور ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە يول ئېچىشى مۇمكىن» دېيىشمەكتە ئىكەن.