ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ مۇھىم نېفىت، گاز، تەبىئىي بايلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بازىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىنى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك ئېلىكتىر ئېنىرگىيە تەمىنات بازىسىغا ئايلانغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي يېقىنقى 11 يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ شەرقىدىكى 20 ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە شەھەرگە 503 مىليارد 700 مىليون كىلوۋات سائەت توك يوللىغان. بۇ ئېلىكتىر توكى خىتاينىڭ 2010-يىلى باشلانغان «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى» نىڭ تۆت توك يۆتكەش لىنىيەسى ئارقىلىق خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىگىچە يەتكۈزۈلگەن.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆمۈرىنى ئۆز جايىدا توكقا ئايلاندۇرۇپ، ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى نىشان قىلغان بۇ قۇرۇلۇش ئەينى ۋاقىتتا مۇھىت قوغدىغۇچىلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇلار، بۇ قۇرۇلۇش خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ مۇھىتىنى قوغداشقا پايدىلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىتىنى ۋەيران قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ھاۋاغا زور مىقتاردا زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىپ، دۇنيانىڭ يەر شارى ھاۋا كېلىماتىنى كونترول قىلىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يوللانغان توكنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان ئىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يوللانغان توكنىڭ پەقەت 137 مىليارد 800 مىليون كىلوۋات سائەتىنىڭ شامال ۋە قۇياش ئېىرگىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلى 11-ئايدا «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش» قۇرتۇلۇشىنىڭ 1-لىنىيەسىنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈرگەن. كېيىنكى يىللاردا ئۇنىڭ 2-، 3-لىنىيەسى پۈتكەن. ئۇنىڭ 4-لىنىيەسى 2019-يىلى 9-ئايدا ئىشقا كىرىشكەن بولۇپ، بۇ لىنىيە سانجىدىن خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىگە تۇتاشتۇرۇلغان.