خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ئائىلىلىرى زور سورۇقچىلىققا دۇچ كەلمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋىرۇستىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» چاقىرىقى بويىچە ئۇيغۇر دىيارىدىن زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا يۆتكىلىۋاتقانلىقى ئارقىمۇ-ئارقىدىن مەلۇم بولماقتا. ئەمما كىشىلەرنىڭ دىققىتىدىن خالىي قېلىۋاتقان بىر ھادىسە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشچىلىرىنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدا قېلىپ قالغان بالا-چاقىسى ھەمدە ئائىلىسى بولماقتا.

«زىمىستان» ژۇرنىلىنىڭ 1-ئاپرېلدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكتىن يېزىلاردىكى كۆپ قىسىم تېرىلغۇ يەرلەر تاشلىنىپ قالغان. گۆدەك بالىلار بولسا ياشىنىپ قالغانلارنىڭ قولىغا قاراشلىق بولۇپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن ئىجتىمائىي پاجىئەلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن مەزگىللەردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان لاگېر تۇتقۇنلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا يۆتكەش سەۋەبىدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېھقانچىلىق رايونلىرىدا ئەمگەك كۈچى قەھەتچىلىكى ئەۋج ئالغان. بۇنىڭ بىلەن لاگېر سىرتىدا قالغان ياشىنىپ قالغان ئەر-ئاياللار ۋە گۆدەك بالىلار دېھقانچىلىقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي ئىقتىسادىي جەھەتتە غايەت زور ۋەيرانچىلىققا دۇچ كەلگەن. بىر ئۇيغۇر ئايال بۇ ھەقتە دەردىنى تۆكۈپ «كۆزۈمدىن ھازىر ياش قۇرۇمايدۇ. ئەمما بۇنىڭ ھېچنەرسىگە پايدىسى يوق. ئۆلۈپلا قالمىساق بولاتتى،» دېگەن.