ئالىي مەكتەپنى تۈگەتكەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىشى نارازىلىق قوزغىدى

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىش ئورۇنلىرىغا خېنەن قاتارلىق جايلاردىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى تۈگىتىپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قايتا تەربىيىلىنىش نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىشى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نارازىلىق قوزغىغان.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ 15-ئاپىرىلدىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيىلەش ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، 2011-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلاردىن جەمئىي 23 مىڭ 476 نەپىرى، خىتاينىڭ19 ئۆلكىسىدىكى 187 ئۇنىۋېرسىتېتقا قايتا تەربىيىلىنىشكە ئەۋەتىلگەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر بۇلاردىن 3851 نەپىرى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كېلىپ ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدا ئىشلەشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئاتۇش قاتارلىق جايلاردىكى يېزىلارغا تەقسىم قىلىنىپ ئىشلەۋاتقان ياشلارغا ھازىرغا قەدەر مائاش تارقىتىلماسلىقى نارازىلىق قوزغىغان.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ يېقىنقى بىر خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە خېنەن ئۆلكىسىگە بېرىپ، بۇ يىل ئوقۇش تۈگىتىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 3764 نەپىرى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كېلىپ ئىشلەش ئۈچۈن توختام تۈزگەن.