ئۇيغۇر ئېلى خىتاي ئۆلكىلىرىنى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ چوڭ «ئېلىكتىر ئىستانسىسى» غا ئايلانغان

خىتاينىڭ 2010-يىللاردىن باشلاپ «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» ئىستىراتېگىيەسى يولغا قويۇلۇپ 12 يىلدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلى خىتاي ئ‍ۆلكىلىرىنى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ چوڭ «ئېلېكتىر ئىستانسىسى» غا ئايلانغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 4-نويابىر بەرگەن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 31-ئۆكتەبىرگىچە بولغان 11 ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن ئومۇمىي ئېلېكتىر توكى مىقدارى 103 مىليارت 662 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ بارغان. «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 11 ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىچكىرىگە يوللانغان توك زاپىسى بىر مىليارد 400 مىليون خىتاي ئاھالىسىنىڭ 32 كۈن ئىشلىتىشىگە يېتىدىكەن.

خەۋەردە بۇنىڭ «پۈتۈن مەملىكەتنى توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمى ۋەزىيىتىگە خىزمەت قىلغانلىقى» تەكىتلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش» پىلانىدىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولۇپ، مۇھىتنى قوغدىغۇچىلار بۇنچىلىك كۆپ توك ئىشلەپچىقىرىشتا سەرپ قىلىنىدىغان كۆمۈر سەرپىياتى رايوننىڭ ئەزەلدىنلا نازۇك بولغان ھاۋا، سۇ ۋە ئېكېئولوگىيەلىك مۇھىتىنى تېخىمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنىڭ خىتاي ئ‍ۆلكىلىرىنى تەمىنلىگەن بىر ئايلىق ئېلېكتىر توكى خىتاي ئ‍ۆلكىلىرىدە 3 مىليون 150 مىڭ توننا كۆمۈرنىڭ يېقىلىشى ۋە نۇرغۇن مىقداردىكى كاربون دىئوكسىد ۋە گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىد قاتارلىق زەھەرلىك گازنىڭ ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنى قەدەم باسقۇچلىق ئازايتىپ، 2030-يىلىغا قەدەر زەھەرلىك كاربۇن گازىنى كونترول قىلىشنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزىدىغانلىقى، 2060-يىلى نۆلگە چۈشۈرۈشنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا تېخىمۇ كۆپ كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشنى تەستىقلىغان.