خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ناھىيىلەردىن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش نامىدا، ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
خىتاينىڭ شىنخۇا تورىنىڭ 5-نويابىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر بۇ يىل 2-نويابىردىن باشلاپ قەشقەر پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن 3000 نەپىرىنى 3 تۈركۈمگە بۆلۈپ، 3 ئايلىق تەربىيىلەش كۇرسىدا تەربىيىلەپ، ئاندىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى قارار قىلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 1-تۈركۈمدىكى تەربىيىلەش كۇرسىغا تاللانغانلار 16 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ياشلار بولۇپ، ئۇلار پەيزىۋات ناھىيىسىدىكى 13 يېزا، كەنتتىن توپلاپ كېلىنگەن.
دائىرىلەر يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈرىدىغان خىتايلارنى كۆپەيتىش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر ئېلىدىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى جىددىيلەشتۈرگەن. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئاسسىمىلياتسىيىنى كۈچەيتىش سىياسىتى دەپ ئەيىبلەنمەكتە.