خىتايغا ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىش ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئايلانغان

خىتاينىڭ دۇنياۋى تەھدىتى يىلدىن يىلغا ئېشىپ بېرىۋاتقان ۋە خىتاي بۇ تۇيۇق يولدىن يانمايۋاتقان ۋەزىيەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى خىتايغا ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تونۇپ يەتكەن.

رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر بىر نەچچە ھەپتە سۆھبەتلىشىپ، ئامېرىكانىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە دائىر قانۇن لايىھىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان ۋە بۇ قانۇن چارشەنبە كۈنى ماقۇللىنىدىكەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتى ئەزالىرى «2021-يىللىق ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت قانۇنى» توغرۇلۇق مۇزاكىرىلەشكەن ھەمدە ئۇنىڭ تۈزىتىلگەن لايىھەسىنىمۇ ئويلاشقان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتلارغا ياردەمچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بىر خادىمنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاي ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى مەسىلىسىدە يۇقىرى دەرىجىدە بىرلىككە كەلگەن. تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېت ئەزالىرى يەنە دۆلەت مەجلىسىگە 150 نۇسخا تۈزىتىلگەن قانۇن لايىھەسى سۇنغان. مەزكۇر لايىھە كېڭەش پالاتا ئەزاسى چاك شۇمېر بۇ يىل 2-ئايدا ئېلان قىلغان «تېز يول» لايىھەسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتايغا قارشى تۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ماددىلار ئورۇن ئالغان.

رويترېس ئاگېنتلىقى 8-ئاپرېل 280 بەتلىك قانۇن لايىھەسىنىڭ بەزى تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇلار خىتاي بىلەن بولىدىغان ئىقتىسادىي رىقابەت، ئىنسانپەرۋەرلىك، دېموكراتىك قىممەت قاراش، مەسىلەن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چەكلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا جازا يۈرگۈزۈش، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى قوللاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.