خىتايلارنى ئېلىپ ماڭغان پاكىستان ھەربىي ئاپتوموبىلى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان

پاكىستاننىڭ خىتاي ئىنژېنېرلىرىنى ئېلىپ ماڭغان بىر ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتى 13-ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئىستراتېگىيەلىك گۋادار پورتى ئەتراپىدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. تاراتقۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئاپتوموبىلدىكى كىشىلەر پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ قوغدىشىدا كاراچىدىن گۋادارغا كېتىۋاتقان خىتاي ئىنژېنېرلىرى ئىكەن. خەۋەرلەردە، پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ 23 نەپەر خىتاي قۇرۇلۇش ئىنژېنېرىنى ئوق ئۆتمەس ئاپتوموبىل بىلەن قوغداپ كېتىۋاتقاندا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. پاكىستان ساقچى دائىرىلىرى پاكىستان ئارمىيەسى بىلەن بولغان توقۇنۇشتا ئىككى قوراللىقنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان.

گۋادار پورتى قۇرۇلۇشى خىتاي 60 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى» نىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇرلارنىڭ قەشقەر بىلەن بەلۇجىستاننىڭ گۋادار پورتىنى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇشنى، ئۇيغۇر رايونىدىن پاكىستان ئارقىلىق دېڭىزغا چىقىشنى نىشان قىلغان ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرىدۇر.

لېكىن بۇ قۇرۇلۇش بەلۇجىستاندىكى يەرلىك خەلق-بەلۇجىلارنىڭ قوراللىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ كەلگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھۇجۇمغا بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئۆزىنى «بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى» دەپ ئاتىغان تەشكىلات بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ھۇجۇمدا كۆپ قېتىملىق يارىلىنىشلارنىڭ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «بۈگۈنكى ھىندىستان» گېزىتى، ھۇجۇمدا تۆت خىتاينىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، ھۇجۇمدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چىقىم بولمىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بولسا خىتاينىڭ «پاكىستان بىلەن داۋاملىق تېررورلۇقنىڭ تەھدىتىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدىغانلىقى» ، «پاكىستاندىكى خىتاي خادىملىرى، ئورگانلىرى ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغدايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «خىتاي-پاكىستان دوستلۇقىغا ۋە خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى (CPEC) قۇرۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇش ھەرگىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىكەن» .

پاكىستان ب د ت، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا سورۇنلاردا خىتاينى قوللاپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەت ئىدى.