بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا توپلىشىپ ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئېغىر يارىلاندۇرغان. ۋەقەنىڭ مارالبېشىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر كۈندىن كېيىن يۈز بېرىشى دىققەتنى چەكمەكتە.
«ئۇيغۇر بىز» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە 24 - ئاپرېل كەچقۇرۇن يۈز بەرگەن.
شۇ كۈنى كەچتە بىر توپ خىتاي ئوقۇغۇچى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى كەسپى ئوقۇغۇچىسى مەمەتجاننى ياتاقتا توپلىشىپ ئۇرغان.
نۆۋەتتە مەمەتجاننىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا بولۇپ، ئۇنىڭ قارىغۇ بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەمەتجانغا ھۇجۇم قىلغان خىتاي ئوقۇغۇچىلار جەمئىي 4 نەپەر بولۇپ، ئۇلارمۇ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن.
مەمەتجان ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا ياتاقتا باشقا ئۇيغۇر بالىلار يوق ئىكەن.
ۋەقەدىن كېيىن بۇ تۆت نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچى قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي 3 نەپىرى قويۇپ بېرىلگەن.
نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن.
23 - ئاپرېل مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا يېزىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. خىتاي دائىرىلىرى ساقچىلارنىڭ 6 نەپەر ئۇيغۇر نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ھۆكۈمەت تەرەپتىن 15 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.