خىتاي مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى، خىتايدا مەدەنىيەت پەرقى بولمىغان بىر دۆلەت تەسەۋۋۇرىدا بولغان

خىتايدا باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، مەدەنىيەت پەرقى بولمىغان بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشنى، شۇنداقلا كەلگۈسى 50 يىلدا ئۇيغۇر رايونىغا 50 مىليون خىتاي نوپۇسى كۆچۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي ئەمەلدارى پەن يۆ، خىتاي دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردىكى مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا مەركىزى كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. ئامېرىكادىكى «خىتاي ئارخىپى» ژۇرنىلىدا 24-فېۋرال ئېلان قىلىنغان بىر ئانالىز ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پەن يۆنىڭ بۇ ۋەزىپىگە قويۇلۇشى شى جىنپىڭنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە تېخىمۇ كەسكىنلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئىلگىرى خىتاينىڭ دۆلەت بايلىقىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، دۆلەتلىك مۇھىت ئىدارىسى، كومپارتىيە مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى قاتارلىق ئورگانلىرىدا ھەر خىل ۋەزىپىلەردە بولغان پەن يۆ، ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا خىتاي دۆلەتلىك مىللەتلەر ئ‍ىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا، ئارقىدىنلا كومپارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا مەركىزى كومىتېت ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 70 نەچچە يىللىق ھۆكۈمرانلىق تارىخىدا خىتاي مىللىتىدىن مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىدە بولغان 2-كىشى ھېسابلىنىدۇ. ماقالىدا خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى پەن يۆ پەيدا قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ سىياسەتنى كېڭەيتىش ۋە ئۇزارتىشقا تەييار كىشى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، پەن يۆ «مىللەتلەرنى قوشۇۋېتىش» نىڭ دەسلەپكى تەشەببۇسچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ پىكىرى ئىلگىرى دىققەتكە سازاۋەر بولالمىغان بولسىمۇ، لېكىن شى جىنپىڭ دەۋرىدە قوللاشقا ئېرىشكەن. ئۇ، 2002-يىلى يازغان دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىدە كەلگۈسى يېرىم ئەسىردە 50 مىليون خىتاينى غەربىي رايونغا كۆچۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغانىكەن. ئۇ 50 مىليون خىتاي كۆچۈرۈش پىلانىنى تارىختىكى خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش» ئەنئەنىسىگە باغلاپ چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىسلام بىر مەدەنىيەت ياكى ئىدېئولوگىيە مەسىلىسى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر ماكان ھەم نوپۇس مەسىلىسى ئىكەن. پەن يۆنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئ‍ىكەن.