ئۇيغۇر تىلى مائارىپ، مەمۇرىيەت ۋە باشقا ھەر ساھەدە چەكلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەنلىكى تەنقىد قىلىنىۋاتقان پەيتتە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى قۇربان نىياز خىتاي تىلىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ يېڭى پىكىر تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قۇربان نىياز رەقەملىك تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل ۋە يېزىقىنى تېخىمۇ
ئومۇملاشتۇرۇشى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، دۆلەت تىلى، يەنى خىتاي تىلىنى
ياخشى ئۆگىنىش ئارقىلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ تېخىمۇ پارلاق ھاياتقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلغان. شۇنىڭ بىلە بىر ۋاقىتتا بۇ سىياسەتنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەت رايونلاردىكى يېزا-قىشلاقلىرىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
مەزكۇر خەۋەردە قۇربان نىياز مۇنداق دېگەن: «بۈگۈنكى كۈندە، ئىنتېرنېت، سۈنئىي ئەقىل، ۋە رەقەملىك تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ دۆلەت ئورتاق تىل مائارىپى ۋە ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئېسىل خىتاي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، ۋە ئورتاق گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.»
قۇربان نىياز ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي تىلىدا ئوقۇش مەكتىپى ئېچىپ ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشىنى كۈچەپ تەرغىب قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغانىدى. لېكىن چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا يانتاياق بولدى دەپ ھېسابلىغانىدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى دوكتور ھېنرى شاجېسكىگە ئوخشاش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەت رايونلاردىكى يېزا-قىشلاقلىرىغىچە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش، خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈش ھەرىكىتى تېخى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈتكىنىدەك نەتىجە بەرمىگەن، شۇ سەۋەبتىن قۇربان نىيازدەكلەرنىڭ تەشەببۇسلىرىنى تەشۋىق قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان.