خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، قاتتىق بېسىمغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي تىلى ۋە ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تەلەپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى چاقىرىلغان يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يىغىندا، 14-مارتتىن 17-مارتقىچە ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغان خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭنىڭ سۆزى يەتكۈزۈلگەن.
يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو سۆز قىلىپ، شىنجاڭ تارىخى، رايوندىكى كۆپ قۇتۇپلۇق خىتاي جەمئىيىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى «تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقات قىلىش» نى، شۇنىڭدەك مەكتەپلەردە خىتاي تىلىنى ئىشلىتىشنى تېخىمۇ ئالغا سۈرۈشنى بۇيرۇغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، چېن چۈەنگو دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنىڭ يەنىلا ئالدىنقى قاتاردىكى مۇھىم ۋەزىپە ئىكەنلىكنى تەكىتلەپ، «ئىسلامنى خىتاينىڭ سوتسىيالىستىك قىممەت ئۆلچىمىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى» ئېيتقان.
ۋاڭ ياڭ زىيارىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ باشقۇرۇشنى «ئەلالاشتۇرۇپ» ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» تېخىمۇ قاتتىق قارشىلىققا ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان. ۋاڭ ياڭنىڭ زىيارىتىنىڭ ئارقىسىدىنلا ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 4 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋە بىر ھۆكۈمەت ئاپپاراتىغا ئېمبارگو قويغان.