خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش مائارىپىنىڭ كۆلىمىنى غايەت زور كېڭەيتكەن

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى خىتايچە تەربىيەلەيدىغان يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە غايەت زور مەبلەغ سالغان بولۇپ، مىللىي ئاسسىمىلاتسىيە قەدىمىنى بالىلاردىن باشلاش، ئۇلارنى تامامەن خىتايچە مائارىپتا تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمىنى ھەسسىلەپ كېڭەيتكەن.

خىتاينىڭ «شىنخۇا تورى» دا بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار سانى 2015-يىل 3 مىليون 280 مىڭ بولغان بولسا، 2020-يىل 4 مىليون 845 مىڭغا يەتكەن. ئۇيغۇر رايونىنىڭ يەسلى ۋە 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ مەكتەپلىرى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى خىتايدىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىنمۇ يۇقىرى بولغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر قايسى يېزا-كەنتلەردە 4000 دىن كۆپ يەسلى قۇرۇلغان. خوتەندىكى بىر شەھەر ئۈچ ناھىيەدە يەسلىدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە ئوقۇيدىغان 9 «مائارىپ باغچىسى» قۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭغا 2 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.

ناھايىتى روشەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى يەسلى ۋە مەكتەپلەرنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى تامامەن يوقىتىش ھۇجۇمىغا ئۆتكەن. رادىيومىزنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدىن ئېنىقلاشلىرىغا قارىغاندا، خىتاينىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنى مىللىي مائارىپتىن ئايرىۋېتىش ۋە خىتايلاشتۇرۇش تاكتىكىسىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكى، ئاتالمىش «قوش تىل» مائارىپى ۋە ياتاقلىق مەكتەپلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغانىدى.