خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 6-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۈي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار تىبەتكە بېرىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ھەمدە تىبەت ئەمەلدارلىرى بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئۇلار تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن خىتاي باش سېكرىتارى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرغان.
ئىككى رايون ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭ بىلەن تىبەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ‹مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش› نىشانىنى ئورۇنلاش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشكەن.
تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يىغىن زالىغا شى جىنپىڭنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى ئېسىلغان بولۇپ، سۆھبەتتىمۇ ئاساسەن «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» تەكىتلەنگەن. ھەممىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلانغان شى جىنپىڭ بۇ يەردە گويا جوۋج ئورۋېلنىڭ «1984» ناملىق رومانىدىكى «ھەممىنى كۆزىتىپ يوليورۇق بېرىپ تۇرىدىغان بۈيۈك داھىي» غا ئايلانغان. چېن پوكۇڭ قاتارلىق خىتاي ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان شى جىنپىڭ ئەمەلىيەتتە ھوقۇق ۋە كۈچنى ئىلاھلاشتۇرۇۋاتقان، «شەخسكە چوقۇنۇش» شامىلى پەيدا قىلىۋاتقان ھۆكۈمدار ئىكەن.
ئۇيغۇر رايونى بىلەن تىبەت رايونى خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان، كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرى ۋە دىنىي باستۇرۇش ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان جاي بولۇپ، تىبەتنى ئېغىر تەقىب-نازارەت ۋە تۈرمە-لاگېر بىلەن باشقۇرغان چېن چۈەنگو 2016-يىل بۇ تەجرىبىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈرۈپ ئاپارغان ۋە بۇ جايدىكى مىللەتلەرگە تېخىمۇ قەبىھ ئۇسۇلدا زىيانكەشلىك قىلغانىدى.
نۆۋەتتە تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋاڭ جۈنجېڭ 2019-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى، 2020-يىلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ھەم سىياسىي كومىسسارى ببولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىدى. 2021-يىلى ياپۋروپا پارلامېنتى ۋاڭ جۈنجېڭغا «كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان» ئۇيغۇر رايونىدىكى 4 نەپەر يوقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارىنىڭ بىرى سۈپىتىدە جازا ئېلان قىلغان ئىدى.