خىتاينىڭ بۇ يىللىق دۆلەت بايرىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى» ئىكەنلىكى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن
2021.10.01
خىتاينىڭ 1-ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان بىر ۋاقىتتا، خىتاي دائىرلىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، «دۆلەت بايرىمى» نىڭ 72 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىدىن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پائالىيەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى» ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بارمىغانلىقىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشقان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سىياسىي، مەمۇرى، ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 30-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدىكى خەلق مەيدانىدا «خەلق قەھرىمانلىرى» غا گۈل چەمبىرەك قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ مۇراسىمغا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتناشمىغان. ئۇنىڭ ئورنىغا شۇ كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن ئەركىن تۇنىياز ئىشتىراك قىلغان.
خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان خىتاي دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەشكە ئائىت ۋىدىيولاردا، ھەممە يەرگە خىتاي دۆلەت بايراقلىرىنىڭ ئېسىلىشى، ھەممە ئۇيغۇر بىردەك دۆلەت بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ماسكىلارنى تاقىشى دىققەت قوزغىغان. بۇ ۋىدىيولاردا يەنە پۈتۈن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئويناپ، پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايچە ئۇسۇل ئوينىشى كىشىلەردە بۇ پائالىيەتلەرنىڭ تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا دائىر پەرەزلەرنى كۈچەيتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلىغان چوڭ تۇتقۇندا يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى لاگېر، تۈرمىلەرگە قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى، چاغان ۋە تاۋۇز چاغىنى قاتارلىق سىياسىي ۋە ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى تەبرىكلەشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلاردا ئاتالمىش «جوڭخۇا مىللىتى» ئېڭىنى تۇرغۇزۇشقا كىرىشكەنىدى.