«ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيو خەۋەرلىرى» (NPR) تورى 25-ئۆكتەبىر كۈنى «خىتاي ھاكىمىيىتى مەسچىتلەرنىڭ گۈمبەزلىرىنى چېقىپ تاشلاش ئارقىلىق ئۇلارنى تېخىمۇ خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلغان.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان تۇڭگانلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى چوڭ-كىچىك مەسچىتلەرنىڭ گۈمبەز ۋە قۇببىلىرىنى بىردەك چېقىپ تاشلىغان. ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇڭگان مەسچىتلىرىنىڭ گۈمبەز ۋە قۇببىلىرىنى چېقىپ ۋەيران قىلىش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى، خىتاي بولمىغان باشقا بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە تولۇق «خىتايلاشتۇرۇش» قا ئۆزگەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ماقالىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنى، يەنى «خىتايلاشتۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنى رەسمىي تۈردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججەت ۋە باياناتلىرىغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەزكۇر ماقالىدە مۇتەخەسسىسلەر خىتاي كومپارتىيەسى تەشۋىق قىلىۋاتقان «جۇڭگوچە» ياكى «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە» دېگەن سۈپەت سۆزىنىڭ پەقەت ۋە پەقەت خىتاي ئورتاق تىلىدا سۆزلەش، خىتاي مەدەنىيىتىدە ياشاش، چەت ئەلنىڭ تەسىرىنى، يەنى خىتايغا يات بارلىق مەدەنىيەت ئامىللىرىنى كەسكىن رەت قىلىش دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بارغان مەسچىت ۋە مازارلىقلارنى چېقىپ تاشلاش دولقۇنى، شۇنداقلا چېقىپ تۈزلىۋېتىلگەن مىڭلىغان جامە-مەسچىتلەر ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلار رادىيومىز ھەم غەربتىكى باشقا تاراتقۇلار تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز خەۋەر قىلىنىپ كېلىنگەن ئىدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان چوڭ ھەجىملىك دوكلاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا چېقىۋېتىلگەن مەسچىت ۋە مازارلىقلارنىڭ سانى 15 مىڭدىن كۆپ ئىكەن.