خىتاي دائىرىلىرى خوتەندە خىتاي مەدەنىيىتىنى تەشەببۇس قىلىدىغان 1 ئىنستىتۇت 3 تەتقىقات مەركىزى قۇرغان

خىتاي دائىرىلىرى خوتەندە «ئۇدۇن تەتقىقات ئىنستىتۇتى» ۋە «كۇئىنلۇن مەدەنىيىتى تەتقىقات مەركىزى»، «خىتاي قاشتېشى مەدەنىيىتى تەتقىقات مەركىزى» ھەمدە «خوتەن بۇددىزم مەدەنىيىتى تەتقىقات مەركىزى» قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى قىلغان.

خوتەندىكى 1 ئىنستىتۇت ۋە 3 تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 26-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاي خەۋەرلەر تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇ تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ «خوتەننىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلىنىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلىپ، خوتەنلىكلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتىنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدىغانلىقى» نى بايان قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىللىك رايونى بولغان خوتەندە ئاتالمىش خىتاي مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئورۇنلارنى تەسىس قىلىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدا كۈچلۈك يوسۇندا ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» دېگەندەك ناملار بىلەن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىدى.

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ليۇ چېن ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى سۆزىدە «خوتەن كۇئىنلۇن مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىكى تولدۇرغۇسىز ئورنىنى جارى قىلدۇرىدۇ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ‹كۇئىنلۇن مەدەنىيىتى، خىتاي قاشتېشى مەدەنىيىتى ۋە خوتەن بۇددا دىنى مەدەنىيىتى› دىن ئىبارەت ئۈچ بايراقنى كۆتۈرۈپ خوتەننى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرىدۇ» دەپ سۆز قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوتەندىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ قاتتىق كۈچىيىدىغانلىقىدىن شەپە بەرگەن.