ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى خىتاينى رۇسىيەنى ئەجەللىك ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ياردەم بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
The Hill گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنسىتىرلىقىنىڭ ئاخباراتقا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى سابرىنا سىڭ (Sabrina Singh) مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، «ئەگەر خىتاي، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرسا ئاقىۋىتى ئېغىر بولىدۇ. بىز ھازىرچە خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئەجەللىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ياردەملەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى كۆرمىدۇق، ئەمما بۇ مۇمكىنچىلىك تامامەن يوق ئەمەس» دېگەن.
سابرىنا سىڭ ئەسكەرتىپ: «ئەگەر خىتاي روسىيەنى بۇنداق ياردەم بىلەن تەمىنلىسە، ئۇ ھالدا ئېغىر ئاقىۋەتكە ئۇچرايدۇ» دېگەن. بىراق ئۇ بۇنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختالمىغان.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىنمۇ گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «مىيۇنخىن خەۋپسزىلىك كېڭىشى» دىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، «خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئەجەللىك ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ياردەملەر بىلەن تەمىنلەشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كۈچلۈك ئالامەتلەر بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتاي تەرەپنى كەسكىن شەكىلدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى» بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن، ئامېرىكانىڭ بۇ سۆزلىرىگە قارىتا «ئامېرىكا خىتايغا نېمە قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق قىلالمايدۇ» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان.
خىتاي نۆۋەتتە رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى قاتتىق كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي تاشقىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ۋاڭ يىنىڭ رۇسىيەدە بىۋاستە زىيارەتتە بولۇشى، بۇنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى، دەپ قارالماقتا.
بۇندىن سىرت يەنە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭمۇ كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە موسكۋادا زىيارەتتە بولۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.