ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 31-ئىيۇل كۈنى «يەر شارى ماگېنتىىسكى قانۇنى» نىڭ مەزمۇنىغا بىنائەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باشقا ھەقلەر دەپسەندىچىلىكىگە بىۋاسىتە چېتىشلىق دەپ قارالغان يەنە بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە مۇئەسسەسىگە جازا ئېلان قىلدى.
مىنىستىرلىقنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» رەسمىي ھالدا مىنىستىرلىقنىڭ «قارا تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «بىڭتۇەن» نىڭ سابىق سىياسىي كومىسسارى ۋە پارتىيە سېكرېتارى سۇن جىنلوڭ ھەم «بىڭتۇەن» نىڭ باش قوماندانى، مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى پېڭ جيارۇي ئۇيغۇر دىيارىدىكى قانۇنسىز بولغان زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە باشقا جىسمانىي قىيناقلارغا بىۋاسىتە چېتىشلىق، دېگەن ئەيىب بىلەن بۇ «قارا تىزىملىك» كە قوشۇلغان. مالىيە مىنىستىرى ستىۋېن مىنۇشىن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئىلگىرى دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى شىنجاڭدا ۋە پۈتۈن دۇنيادا كىشىلىك ھەقلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئىمكانىيەتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا تەييار» دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى ھەرىكەت توغرىسىدا مەخسۇس ئىجرائىيە بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا «يەرشارى ماگېنتىسكى قانۇنى» نىڭ مەزمۇنلىرى ئاساس قىلىنغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك باستۇرۇشلارغا قارشى ئىنكاس سۈپىتىدە تۈرلۈك جازا ماددىلىرىنى ئېلان قىلغانىدى. بۇ قېتىمقىسى شۇ تۈرلەرنىڭ ئەڭ يېڭىسى بولۇپ، «بىڭتۇەن» نىڭ تۇنجى قېتىم «قارا تىزىملىك» كە ئېلىنىشى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزۈلگەن سۇن جىنلوڭ «ھاكىمىيەت ئىچىدىكى ھاكىمىيەت» دېيىلىۋاتقان «بىڭتۇەن» نىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى بولغان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئېكولوگىيە ۋە مۇھىت مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ باش سېكرېتارى، يەنى مىنىستىر دەرىجىسىدىكى كادىر ئىكەن. نۆۋەتتە «بىڭتۇەن» نىڭ باش قوماندانى بولۇپ ئىشلەۋاتقان پېڭ جيارۇي بولسا قوشۇمچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىكەن.