جوۋ بايدېن: «بىز خىتاينى قىسماققا ئېلىشنى كۆزلەۋاتقىنىمىز يوق! »

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا خىزمەت زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ھىندىستان ۋە ۋىيېتنامدىكى زىيارىتى ئاخىرلاشقاندا بايانات ئېلان قىلىپ «مېنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى پائالىيەتلىرىم ھەرگىزمۇ خىتاينى قىسماققا ئېلىشنى كۆزلىگەن ئەمەس» دەپ ئەسكەرتتى.

«سىياسىيون» گېزىتىنىڭ 10-سېنتەبىردىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، جوۋ بايدېن ھىندىستاندىكى زىيارىتىدە ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندا مودى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش ھەققىدە كەڭ-كۇشادە سۆھبەتلەشكەن. ۋىيېتنام رەھبەرلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتمۇ ناھايىتى ھوسۇللۇق بولغان. خانويدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ «بىز خىتاينى قىسماققا ئېلىش ياكى ئۇنىڭغا زەرەر سېلىش خىيالىدا بولۇۋاتقىنىمىز يوق. ئەكسىچە ئۆزىمىزنىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ياخشىلاۋاتىمىز» دېگەن.

ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، جوۋ بايدېننىڭ بۇ قېتىم ھىندىستان ۋە ۋىيېتنامغا زىيارەتكە بېرىشى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى زور دەرىجىدە ئالغا سۈرىدىغان بولۇپ، بۇ ھال ماھىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى تەسىرىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدىكەن. يەنە كېلىپ بۇ جايلار ئىزچىل «خىتاينىڭ ئارقا ھويلىسى» دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ رايوندا ئامېرىكا تەسىرىنىڭ ئېشىشى شۈبھىسىز خىتاينى بىئارام قىلىدىكەن.

جوۋ بايدېن ئۆزىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندىمۇ ئون ئاي ئىچىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغانلىقىنى، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ بەلكىم 2023-يىلىنىڭ ئاخىرى سان فرانسىسكو شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ «ھازىر شى جىنپىڭ خىتايدىكى ياشلارنىڭ ئىشسىزلىقى قاتارلىق ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بىلەن بەك ئالدىراش بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا مەن ئۇنى ئاۋارە قىلمىدىم» دېگەن.

گەرچە ھازىر بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ خىتايغا قارشى مەقسەتنى كۆزلىگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئوبزوردا بۇ ھالنىڭ خىتاي ئۈچۈن بىر چوڭ باش ئاغرىقى بولۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ۋىيېتنام ۋە ھىندىستان بىلەن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز تەۋەلىكىدە تېررىتورىيە تالىشىۋاتقان خىتاينىڭ بۇنىڭدىن ئەندىشىدە قېلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە يەر ئالغان.