خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى ھازىر قەرزگە بوغۇلغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ 10 تىرىللىيون دوللارلىق يوشۇرۇن قەرزى خۇددى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئېيتقاندەك، خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتە ۋەيران قىلىدىغان «قەرەللىك بومبا» ئىكەن.
«ئىچكى بازارنى بىلگۈچى» (Markets Insider) تورى 27-ئاۋغۇست كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بۇ يىل پۇل قىسلىقى، ياشلارنىڭ ئىشسىزلىقى، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ كاساتلىشىشى قاتارلىق نۇرغۇن ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەڭ ئېغىر كىرىزىس يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە قەرزگە بوغۇلۇشى مەسىلىسى ئىكەن.
خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى ئىلگىرى يەر سېتىپ ئۆزلىرىنى سەمرىتكەن بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئىقتىسادىي مەنبەسى قۇرۇشقا يۈزلەنگەن، مالىيەسى قىيىن ئەھۋالدا قالغان ۋە ئومۇمىي قەرزى 10 تىرىللىيون دوللارغا يېقىنلىشىپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشكارا قىلمىغان بۇ «يوشۇرۇن قەرز» ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى ئەڭ خەتەرلىك ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ۋاقتى سائىتى كەلگەندە «پارتلاش خاراكتېرلىك ۋەيرانچىلىق» يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى بانكىدىن كۆپلەپ قەرز ئېلىپ، يول-كۆۋرۈك، ئايرودۇرۇم، تېز سۈرئەتلىك پويىز قاتارلىق ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان. بۇنىڭغا كەتكەن پۇلنىڭ ھەددى ھېسابى يوق بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتكە قەرز ئارتىلىپ مېڭىۋەرگەن، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ كاساتلىشىشى بىلەن بۇ قەرز تېخىمۇ ئېغىرلاشقان.
يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىدىغان پۇلنى خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت خام چوتىغا كىرگۈزمەيدىكەن ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتتىن ئۆز دائىرىسىدە مەبلەغ جۇغلاشنى تەلەپ قىلىدىكەن. يەرلىك ھۆكۈمەت بانكىدىن قەرز ئېلىپ، ئۇنى ئۆز مالىيەسىدىن تۆلەشنى ۋەدە قىلىدىكەن، ئەمما تۆلىيەلمەيدىكەن.
يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ 10 تىرىللىيون دوللارغا يەتكەن بۇ قەرزى خىتاينىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى (GDP) نىڭ 50 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئەگەر بۇ قەرزدىن چاتاق چىقسا خىتاينىڭ 60 تىرىللىيون دوللارلىق دۆلەت پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىغا خەۋپ يېتىدىكەن.