ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ 26 پاختا شىركىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق دەپ چەكلىگەن

16-ماي كۈنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ پاختا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 26 شىركىتى ۋە ئامبىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، ئۇلاردىن پاختا ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن.

ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تىزىملىكتىكى پاختا شىركەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتىدا بولسىمۇ، بىراق ئۇلار پاختىنى ئۇيغۇر ئېلىدىن كىرگۈزىدىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلغاندىن بۇيان 65 ئورۇننى سودا قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر 26 پاختا شىركىتى ۋە زاۋۇتلىرى بۇ تىزىملىككە قوشۇلغان ئەڭ يېڭى ئورۇنلار بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرى ئالېھاندرو مايوركاس باياناتتا يەر ئالغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «يۇقىرىدىكى بۇ چەكلىمە مەسئۇلىيەت بىلەن تىجارەت قىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ دىققەت بىلەن ئىش كۆرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، شۇنداق بولغاندىلا بىز بىرلىكتە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز».

ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ 26 خىتاي شىركىتى ۋە مۇئەسسەسەسىگە قاراتقان بۇ چەكلىمىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قارارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ چەكلىمىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان بىرىكمە كىرىستاللىق سىلىتسىي، ئاليۇمىن، بىرىكمە خىلورىد ۋە يېرىم بىرىكمە تالا سانائىتى قاتارلىقلارغا كېڭەيتىلىشىنى» تەلەپ قىلغان.