خىتاي ھۆكۈمىتى بۇتاننىڭ دوكلام رايونىدا ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018-01-20
Share

19-يانۋار، يەنى جۈمە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى دوكلام رايونىدا زور كۆلەملىك ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ «قانۇنلۇق» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۆتكەن يىلى يازدىن بۇيان خىتاي بىلەن ھىندىستان تەرەپ بۇتاننىڭ دوكلام رايونىدا تەسىر دائىرە تالىشىپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان چېگرا ماجىراسى قىلىشقان ئىدى. بۇ ماجىرا ئەڭ ئاخىرىدا خىتاي تەرەپنىڭ دوكلام رايونىدا قۇرۇلۇش قىلىشنى توختىتىشى ۋە ئادەملىرىنى بۇ رايوندىن ئۆز تېررىتورىيەسى ئىچىگە چېكىندۈرۈپ كېتىشى بىلەن تىنجىغان ئىدى. 

ھالبۇكى، يېقىندا سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۆز ۋاقتىدا دوكلام رايونىدا غايەت زور ھەربىي گازارما قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدىكى سۈرەت ئاشكارا بولغان. بۇنىڭ بىلەن ھىندىستان تەرەپنىڭ دوكلام رايونىغا بولغان سەزگۈرلۈكى يەنىمۇ كۈچەيگەن.

«ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ مۇخبىرلارنىڭ دوكلام رايونى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، «سۈنئىي ھەمراھىدىن تارتىلغان بۇ سۈرەتنى كىمنىڭ تەمىنلىگەنلىكىدىن خەۋىرىم يوق،» دېگەن.

ھالبۇكى، ئۇ مۇخبىرلارغا مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «جۇڭگونىڭ دوڭلاڭ (دوكلام) مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى ناھايىتى ئېنىق. بۇ رايون ئەزەلدىن جۇڭگوغا تەۋە شۇنداقلا جۇڭگو قانۇنلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىدە. بۇنى ئارتۇقچە تالاش-تارتىش قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق.»

لۇ كاڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ دوكلام رايونىدا ئۇل-مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ مۇنداق دېگەن: «جۇڭگونىڭ بۇ جايدا ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشى چېگرا قوغداش قىسىملىرى ۋە بۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلقلەر ئۈچۈندۇر.»

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئەمدىلا تىنجىغان دوكلام كرىزىسى ھەققىدە بۇ گەپلەرنى قىلىشى، ئۇنىڭ ھىندىستان تەرەپ بىلەن بولغان نازۇك مۇناسىۋەتلىرىگە قايتىدىن ئوت تۇتاشتۇرىدۇ، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت