خىتاينىڭ ئېكىسپورتى چۈشكەن ئەمما، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىمپورت -ئېكسپورتى ئارتقان

خىتاينىڭ بۇ يىل 9-ئايدىكى تاشقى ئېكسپورتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 6.2 پىرسەنت ئازايغان. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىمپورت تاۋارلىرىنىڭ مىقدارىمۇ ئازايغان. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ 9-ئاي ئىچىدىكى ئىمپورت تاۋارلىرىنىڭ مىقدارى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئوشاشلا 6.2 پىرسەنت ئازايغان. خەۋەرلەردە، خىتاي ئىمپورت مىقدارى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ پەرىزىدىن ئازراق ئارتىپ كەتكەنلىكىى بىلدۈرۈلمەكتە. رويتېرس ئاگېنتلىقى ئىلگىرى خىتاينىڭ 9-ئاي ئىچىدىكى تاۋار ئىمپورتىنىڭ 6 پىرسەنت ئازىيىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلغان. لېكىن خىتاينىڭ ئېكسپورتى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ پەرىزىدىن تۆۋەن چىققان. رويتېرس ئاگېنتلىقى خىتاي ئېكسپورتىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنىڭ 7.6 پىرسەنتكە يېتىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلغانىدى.

ئامېرىكا CNBC تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئېكسپورتى بۇ يىل 5-ئايدىن باشلاپ ئايمۇ-ئاي تۆۋەنلەپ ماڭماقتىكەن. خەۋەردە، بۇ يىل خىتاينىڭ سودىسىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىشىگە دۇنيادا خىتاي ماللىرىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ۋە دۆلەت ئىچىدە ئىستېمال تەلىپىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. لېكىن شۇنداقتىمۇ مەھسۇلات تۈرلىرىدە خىتاينىڭ ئاپتوموبىل ئېكسپورتى تېز ئېشىپ ماڭماقتىكەن. ھالبۇكى، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشىدا، بولۇپمۇ ئۇنىڭ رۇدا ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىدا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى كەڭ ئومۇملاشقان، دەپ قارالماقتا.

خىتاينىڭ 9-ئاي ئىچىدىكى ئېكسپورت-ئىمپورتى 6 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى مەزكۇر رايوننىڭ يېقىنقى 8 ئاي ئىچىدىكى ئىمپورت-ئېكسپورتىنىڭ شىددەتلىك ئارتقانلىقىنى قەيت قىلىشماقتا. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 13-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى تاموژنا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېقىنقى 8 ئاي ئىچىدىكى ئىمپورت-ئېكسپورتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 51.2 پىرسەنت ئارتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۈرۈمچى تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بۇ مەزگىلدىكى ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى 219 مىليارد 190 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتى 98.5 پىرسەنت ئارتقان. كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ سانلىق مەلۇمات رايوننىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىدىكى يېقىنقى 6 يىللىق ئۆزگىرىش ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئۇنىڭدىكى كارتىنىسىنى نامايان قىلىدىكەن.