ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاينى «گېپى بىلەن ئەمەلىيىتى بىر ئەمەس» دەپ تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-03-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باشلىقى زائىد رائاد ئال-ھۈسەيىنى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە ئەيىبلىدى. «ياۋروپا خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باشلىقى زائىد چارشەنبە كۈنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە دوكلات بەرگەن. ئۇ يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئەيىبلەپ، «خىتايدىكى ۋەزىيەت ئۇنىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ ئەكسىچە بولماقتا» دېگەن. ئۇ، خىتايدا ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلارنىڭمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىنمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ئىشخانىمىز داۋاملىق ھالدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، ئادۋوكاتلار، تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلىش ياكى ئېغىر دەرىجىدىكى كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار جىددىي ئەرزلەرنى تاپشۇرۇپ ئېلىۋاتىمىز.» 

زائىد ئەپەندى سۆزىدە يەنە خىتايدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تەڭسىزلىكلىرى ھەم شۇنداقلا چىرىكلىك، يەر تارتىۋېلىش ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئىزنالىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى قاتارلىقلارنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىر قېتىملىق سۆزىدە خەلقنى مەركەز قىلغان ۋە ھەممە كىشىگە ئېلىپ كېلىدىغان بىر ئورتاق كېلەچەك قۇرۇپ چىقىش ھەققىدە سۆز قىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى، خىتاينىڭ خەلقئاراغا قىلغان بۇ سۆزى خىتاي ئىچىدە ئۆز ئەكسىنى تاپقاندەك ئەمەس،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت