نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا-ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانى رامكىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشقا كىرىشكەن بولۇپ، خىتاينىڭ 2018-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تېخىمۇ زور مەبلەغ سېلىشى پەرەز قىلىنماقتا. يېقىندا 10 يىلدىن بۇيان سۆز تېمىسى بولۇپ كېلىۋاتقان خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەققىدە ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنىشى رۇسىيە ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەر ئانالىزىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن زور مىقداردىكى كېلىشىملەرنى ئىمزالىشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىگىلىنىشى، ئەكسىچە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان سودا-ئىقتىسادى ئالاقىلىرىنىڭ تۆۋەنلىشى رۇسىيەگە نىسبەتەن بېسىم پەيدا قىلماقتا ئىكەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ سودا-ئىقتىسادى جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆزىگە باغلىشىدىن باشقا يەنە بۇ دۆلەتلەردە كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى ئېچىشى، زور ساندىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي مەبلىغى بىلەن خىتايدا ئوقۇپ تەربىيىلىنىشى ۋە باشقا خىتاي تەسىرلىرىنىڭ تىكلىنىشى رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەنئەنىۋى تەسىرىگە زەربە ھېسابلانغان. بىراق، بەزى رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قانچە كۆپ مەبلەغ سالغانسېرى، شۇنچە ئېغىر پاتقاققا پاتىدىغانلىقى، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلاردا ھازىر يەنە مىللەتچىلىكنىڭ كۈچىيىپ، ئۇنىڭ خىتايغىمۇ قارىتىلىۋاتقانلىقى، خىتاي تەھدىتى قارىشى ئېشىپ، ئۇلاردا خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن رۇسىيەگە تايىنىش ئىدىيەسىنىڭمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.