خىتاينىڭ قەرز يۈكى بارغانسېرى ئېغىرلاپ كەتكەن
2024.01.10
2024-يىل كىرگەندىن بۇيان، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىلمۇ داۋاملىق تۆۋەنلەيدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر كۆپەيمەكتە.
«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورى 6-يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە، خىتاينىڭ قەرز يۈكىنىڭ مۆلچەردىكىندىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
بۇ خەۋەردە، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان خىتاي بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ ھېسابلىنىدىغان ياپونىيە بىلەن سېلىشتۇرۇلغان بولۇپ، ياپونىيەمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ئىقتىسادتا بىر ئىزدا توختاپ قالغان، قەرزى ھەسسىلەپ كۆپەيگەن بولۇپ، ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى بىلەنمۇ ئۇ قەرزدىن قۇتۇلالماي كەلگەن. خىتاينىڭ قەرز يۈكى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزى 2020-يىلىدىلا 12.6 تىرىللىيون دوللارغا يەتكەن، يېقىنقى ئىككى يىلدا بۇ قەرز تېخىمۇ كۆپەيگەن. بۇ قەرزلەر ئاساسەن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا خەجلەنگەن بولۇپ، قايتۇرۇش مۇمكىن بولمىغان «ناچار قەرز» گە ئايلانغان ۋە خىتايغا ئېغىر يۈك بولغان؛ ئەگەر خىتاي بۇنى مۇۋاپىق ھەل قىلمىسا، ياپونىيەدەك بىر ئىزدا توختاپ قېلىش، ھەتتا ئېغىر چېكىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىكەن.
خىتاي مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، پۇقرالارنىڭ ئىستېمال كۈچىنى قوزغىتىش دېگەندەك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ باققان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئېكسپورت كۆلىمى كىچىكلەپ، چەت ئەل مەبلىغى چېكىنىپ، خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى تۆۋەنلەپ، پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچى تەۋرىنىپ قالغاچقا، خىتاي ئىقتىسادىنى قايتا جانلاندۇرۇش ناھايىتى قىيىن بولماقتا ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە ئىشلىرىغا بىۋاسىتە ئارىلىشىش تەدبىرىنى قوللىنىشقا باشلىغان. ئەمما ئىقتىسادشۇناسلار بۇنىڭ ئۈنۈمى بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنى سېتىپ، خۇسۇسىي كارخانىلارغا كەڭ ئىمكانىيەت بەرگەندە، ھۆكۈمەتنىڭ قەرز يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.