مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلغۇدەك ھەربىي كۈچى يوق! »

يېقىنقى مەزگىللەردە خەلقئارا ساھەنىڭ ئىزچىل دىققىتىدە بولۇپ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى تەيۋەن بوغۇزى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقاچان تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ يەر ئېلىپ كەلگەنىدى. ئەمما يېقىندا ئامېرىكا تەۋەسىدىكى 52 نەپەر ھەربىي مۇتەخەسسىسنى ئاساس قىلغان بۇ ھەقتىكى راي سىناشتا «خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلغۇدەك ھەربىي قۇۋۋىتى يوق» دېگەن خۇلاسە ئوتتۇرىغا چىققان.

راي سىناشتا 27 پىرسەنت كىشى خىتاينى سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئوڭۇشلۇق ھالدا تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلغۇدەك قۇۋۋەتكە ئىگە، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قالغانلار بىردەك «بۇ خىل قۇۋۋەت مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن. مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ خىل قاراشقا مايىل بولۇشىدىكى سەۋەب «ناۋادا خىتاي تەيۋەنگە قوراللىق تاجاۋۇزنى باشلىسا ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇنىڭغا بىۋاسىتە ئارىلىشىدۇ» دېگەن چۈشەنچە بولغان. دوكلاتتا بۇ ھەقتە «ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 95 پىرسەنتى ‹ناۋادا كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسىلا ئامېرىكا جەزمەن تەيۋەننى ھىمايە قىلىشقا قول تىقىدۇ› دەپ قارايدۇ» دېيىلىدۇ. شۇ قاتاردا تەيۋەنلىك 35 مۇتەخەسسىسمۇ بۇ قېتىملىق راي سىناشقا ياندىن قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 17 پىرسەنتىلا «خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلغۇدەك ھەربىي قۇۋۋىتى بار» دەپ قارىغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى «خىتاي بىۋاسىتە ھەربىي ھۇجۇمغا ئەمەس، بەلكى تەيۋەننى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قامال قىلىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن» دەپ قارىغان. ئۇلارنىڭ پىكرىچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا تامامەن قادىر ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆپچىلىك تەيۋەندىكى «دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى» نىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدا يېڭىپ چىقىشى ھەمدە يىللاردىن بۇيان خىتايغا قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەپ كەلگەن لېي چىڭدېنىڭ غەلىبىسى خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ جىددىيلىككە گىرىپتار قىلىدۇ، دەپ قارىغان.