پېتېر ماتتىس: «بىز خىتاينىڭ ئۇشتۇمتۇت ھالاكىتىگە تەييارمۇ؟»

خىتاينىڭ ھالاك بولۇشى ھەققىدە كۆپلەپ ئەسەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، شۇلارنىڭ بىرى ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دۆلەت مەنپەئەتى» گېزىتىنىڭ 2-ئاۋغۇست سانىدا ئېلان قىلىنغان پېتېر ماتتىس ئىمزاسىدىكى ماقالىدۇر.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى جېيمىس تاۋن ۋەخپىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى پېتېر ماتتىس بىر قىسىم پېشقەدەم خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھالاكەت بوسۇغىسىغا يېقىنلىشىپ قالدى» دەيدۇ. ئەمما خىتاينىڭ گۈمۈرۈلۈشى نۇرغۇنلىغان ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولغاچقا، ئاپتور مۇشۇ ھادىسە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ نېمىلەرنى قىلىشى لازىملىقى ھەققىدە توختىلىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھالاكىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سىياسىي كرىزىسقا تەييارلىنىش ئۈچۈن ئەتراپلىق لايىھە بولۇشى لازىم ئىكەن. ئالدى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسى مەۋجۇت بولمىغان خىتاينىڭ قايسى يۆنىلىشكە ماڭىدىغانلىقىنى توغرا مۆلچەرلەشمۇ زۆرۈر ئىكەن. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزىنىڭ ھالاكىتىگە سەۋەب بولغۇچى ھەرقانداق ئامىلغا ياكى شۇنداق بىر سىياسىي كرىزىسقا دۇچ كەلگەندە بارلىق ئەخلاق ئامىللىرىنى بىر ياققا چۆرۈپ تاشلىيالايدىكەن. 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىنى بۇ نۇقتىغا دەلىل قىلىشقا بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل ئۆزگىرىشنى تېز ئارىدا يۈز بېرىدۇ، دەپ قاراپ كەتكىلىمۇ بولمايدىكەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، 2003-يىلىدىكى ئىراق ئۇرۇشى باشلىنىشتىن بۇرۇنلا ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرى سادام ھۈسەيىن يىقىلغاندىن كېيىنكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە تەپسىلىي لايىھە تۈزۈپ چىققان. ئەمدىلىكتە خىتاي ئۈچۈنمۇ شۇنداق لايىھە تۈزۈپ چىقىش لازىم ئىكەن، ئەمما بۇ لايىھە ئۇيغۇرلار ياكى تىبەتلەر ھەققىدە ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ كەلگۈسىدە دېموكراتىك ياكى ھاكىممۇتلەق مەنزىلىنى بېكىتكۈچى بىر مىليارد 200 مىليون خىتاي ئاھالىسى ھەققىدە بولۇشى لازىم ئىكەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە خىتايدىكى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئارخىپىنى ۋە ئۇلارنىڭ چەتئەلدىكى بايلىقىنى، شۇنىڭدەك خىتاي ھالاك بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قەيەرگە قاچىدىغانلىقىنى ئېنىقلاش، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك قوشۇنىنىڭ (ساقچى ۋە ئارمىيىنىڭ) ئاشۇنداق ھەل قىلغۇچ سىياسىي كرىزىس يېتىپ كەلگەندە ھاكىمىيەتكە ياكى خەلق ئاممىسىغا سادىق بولىدىغانلىقىنى توغرا مۆلچەرلەش، خىتاي مالىمانغا پاتقاندا خىتايدىكى خەلق بىلەن بولغان ئالاقىنى قانداق قىلىپ داۋام قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر-بىرلەپ ئويلىشىشى لازىم ئىكەن.