خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا چىقارغان ئېكسپورتى بۇ يىل شىددەتلىك كۆپەيگەن

ياۋروپا ئىتتىپاقى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشتە ئورتاق كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بىر پەيتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ يىل 1- ۋە 2-ئايلاردا ئۇيغۇر دىيارىدىن كىرگۈزگەن ئىمپورت مەھسۇلاتى شىددەتلىك ئارتقان. خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 21-مارت بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەتنىڭ بۇ يىل 1- ۋە 2-ئايلاردا ئۇيغۇر دىيارىدىن كىرگۈزگەن ئىمپورت مەھسۇلاتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 217.8 پىرسەنت ئارتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتىكەن. ئىمپورت مىقدارىدىكى شىددەتلىك ئارتىش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى كېڭەيتىپ، مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرغان، شۇنداقلا ئىشقا ئورۇنلىشىش سالمىقىنى كېڭەيتىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن تېخىمۇ كۆپ خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا قوبۇل قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا بارلىققا كەلگەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئىككى ئېيىدا ئۇيغۇر دىيارىدىن ياۋروپاغا 312 مىليون دوللارلىق مال يوللانغان بولۇپ، 2023 يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلى ئۇيغۇر دىيارىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يوللانغان مالنىڭ مىقدارى 98 مىليون دوللار ئىكەن. سانلىق مەلۇماتلاردا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئەڭ كۆپ مال ئىمپورت قىلغان دۆلەتنىڭ پولشا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدىن قالسا بېلگىيە بىلەن گوللاندىيە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. خەۋەرلەردە ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىن ياۋروپاغا ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلار ئىچىدە لىتىيلىق ئىيون باتارېيەسى، پەمىدۇر قىيامى ۋە مىقدارى تاموژنا بېجىغا توشمايدىغان ئەرزان باھالىق ماللارنى ئاساس قىلغانىكەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلغان لىتىيلىق ئىيون باتارېيەسى، پەمىدۇر قىيامى، پاختا توقۇمىچىلىق ۋە پولىسىلىكوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەھسۇلاتلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دەپ قارىلىپ، ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى چەكلەنگەنىدى.