خىتاي يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە يېشىل ئېنېرگىيەگە مۇناسىۋەتلىك كان مەھسۇلاتلىرى قېزىش ئىشلىرىدا مۇھىت ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش بىلەن 100 قېتىمدىن ئارتۇق ئەيىبلەنگەن.
سودا، كىشىلىك ھوقۇق ۋە بايلىق مەركىزى (BHRRC) دەپ ئاتىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى يېقىندا خىتاينىڭ يېشىل ئېنېرگىيە بازىرىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنى ھەققىدە مەخسۇس بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ 2021-ۋە 2022-يىللىرى ئىچىدە يېشىل ئېنېرگىيەگە مۇناسىۋەتلىك كان ئېچىش پائالىيەتلىرىدىكى دەپسەندىچىلىكلەر ئاشكارىلانغان.
«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بۇ دوكلات ھەققىدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي ھازىر ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى (EV) ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە، كۈنتاختا ۋە شامال چاقپەلىكى قاتارلىق تېخنىكىلارنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۆتكۈنچى مىنېرال ماددىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى شۇنداقلا لىتىي، كوبالت، مىس، مانگان، نىكېل، سىنىك، خىروم، ئاليۇمىن ۋە سېرەك توپا پىششىقلاپ ئىشلەشكە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىكەن.
خىتاي چەت ئەللەردىكى مۇشۇ خىلدىكى مىنېرال ماددىلار مول بولغان كانلارنى كۆپلەپ سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ ئورۇنلاردا قالايمىقان كان قېزىش سەۋەبىدىن مۇھىت ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشى، ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنىڭ بۇزۇلۇشى، بىخەتەر خىزمەت شارائىتىنىڭ بولماسلىقى، ئەمگەكچىلەر ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدەك ئەھۋاللار كۆپلەپ كۆرۈلگەن.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، يۇقىرىقىدەك دەپسەندىچىلىكلەرھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نىكېل زاپىسى مەۋجۇت بولغان ھىندونېزىيەدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا پېرۇ، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، بىرما ۋە زىمبابۋې قاتارلىق دۆلەتلەر ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر دوكلاتتا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر يېشىل ئېنېرگىيەگە ئۆتۈش باسقۇچى تەرتىپلىك ئىدارە قىلىنماي، ئۆتكۈنچى مىنېرال ماددىلارنى قېزىش قالايمىقان داۋام قىلغان تەقدىردە، يەر-زېمىن، سۇ يېتىشمەسلىك، مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە ئىجتىمائىي توقۇنۇشلار يېڭى دولقۇنىنى قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرىقى دۆلەتلەردىكى ھەرىكەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانچىلىق ساھەسىدە ئوچۇق – ئاشكارىلىققا ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى ۋەدىسىگە ماس كەلمەيدىغان بولۇپ، خىتاي شىركەتلىرى ئاساسەن بۇ خىلدىكى ئەيىبلەشلەرگە جاۋاب قايتۇرمايدىكەن. ئۇلار يۇقىرىقى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاجىزلىقىنى سۇيىئىستېمال قىلماقتىكەن.
