خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى باشلىنىش ئالدىدا، ئامېرىكا دائىرىلىرى 2001- يىلىدىن بۇيان ئامېرىكىدا پاناھلانغان خىيانەتچى ياڭ جىنجۈننى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي قاچقۇن خىيانەتچى ئەمەلدارلارغا قاراتقان « ‹ئاسماندا تور ھەرىكىتىنىڭ› كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دەپ تەرىپلىگەن.
ياڭ جىنجۈن ئەسلى خىتاينىڭ ۋېنجۇ شەھىرىدىكى مىڭخې گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى بولۇپ، ئۇ خىيانەتچىلىك، چېرىكلىك جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان قاچقۇن ئىدى.
خىتاي بۇ يىلنىڭ بېشىدا 100 نەپەر قاچقۇن ئىقتىسادىي جىنايىتى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ياڭ جىنجۈن شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا تۇنجى قېتىم خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرغان ئىقتىسادىي جىنايەتچى ئىكەن.
شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، چېرىك ۋە پارىخور ئەمەلدارلارغا قارىشى «تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى»، «ئاسماندا تور ھەرىكىتى» قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى باشلىغان ۋە كۆپ ساندا يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرىنى قولغا ئالغان.
بەزى مۇلاھىزىچىلەر شى جىنپىڭنىڭ پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئۆز رەقىبلىرىگە زەر بېرىدىغان قورال قىلىۋالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشقان ئىدى.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 24- سېنتەبىردىن باشلاپ ئامېرىكا پايتەختىدە دۆلەت زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى مەلۇم.
ھالبۇكى ئۇنىڭ بۇ زىيارىتى ئامېرىكىدىكى سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن ئىدى.
