يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان «نەزەر» ژۇرنىلى مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ تارىم ۋادىسىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەتلەردە تەكشۈرۈشتە بولغان. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خۇلاسە دوكلاتى سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزور ماقالىسىدە «مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى 99 پىرسەنتتىن ئاشقان» دەپ خۇلاسە چىقىرىلغان ھەمدە بۇنى تارىم ۋادىسىدىكى ھەرقايسى جايلاردا قولغا كەلگەن زور تەرەققىيات سۈپىتىدە ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
11-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە خوتەن تەۋەسىدە «ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، يەسلىلەر ئۇلارنىڭ پەرزەنت غېمىنى ھەل قىلدى. شۇڭا ئۇلار بۇ جەھەتتە ناھايىتى خاتىرجەم» دېيىلىدۇ. ئەمما بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ قەيەردە قانداق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ئېيتىلمايدۇ. شۇنداقلا يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ تولۇق ئوقۇشقا كىرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ مەكتەپتە ھەقسىز غىزالىنىدىغانلىقى دېگەنلەر ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. لوپ ناھىيەسى ھەققىدە سۆز بولغاندا تېرەك ئېرىق كەنتىدىكى دېھقان تىككۈچى مەتنىياز زاكىرنىڭ يۇرتىدىكى بىر كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقانلىقى، بۇ خىلدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقان دېھقانلارنىڭ ھەقسىز ياتاقلاردا يېتىپ-قوپۇپ، مائاش ئارقىلىق باي بولۇشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقى، يەنە كېلىپ بۇ خىلدىكى ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر ئارىسىدا قىز-چوكانلارنىڭ 60 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. يەرلىك كادىرلاردىن بىرى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ھازىر ياشلارنىڭ ھەممىسى خىزمەتتە. بالىلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپتە. مۇشۇ بىر ئەۋلادنى تۈجۈپىلەپ تەربىيەلىسەك ئالدىمىزدا گۈزەل ئىستىقبال بىزگە قۇچاق ئاچىدۇ» دېگەن.
ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن «ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشى» توغرىسىدا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2021-يىلى مارتتا چىقارغان «خىتايدىكى جازا لاگېرلىرى» سەرلەۋھىلىك دوكلاتتا تەپسىلىي بايانلار بېرىلىدۇ. بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاتا-ئانىسى لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر سەبىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرغان دارىلئېتاملارغا ۋە ياتاقلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە يىغىۋېلىنغان بولۇپ، شۇ جايدا كوممۇنىستىك «مېڭە يۇيۇش» نىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانماقتىكەن. پۈتۈنلەي خىتايچە ئوقۇتۇش يولغا قويۇلغان بۇ مەكتەپلەردىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشى ھازىرقى ئەڭ ئەندىشىلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئىچكىرىدىكى خىتاي شىركەتلىرى «ياردەم» نامىدا قۇرغان زاۋۇتلار ھەرقايسى جايلاردىكى لاگېرلارغا ئانچە يىراق بولمىغان جايلاردا بولۇپ، لاگېردىن چىققان كىشىلەرنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەك» ئوبيېكتى بولۇپ، مۇشۇ زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقانلىقىمۇ بۇ دوكلاتتىن ئالاھىدە ئورۇن ئالغانىدى. لاگېرشۇناس مۇتەخەسسىسلەردىن دوكتۇر ئادريان زېنز بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز دېگەندە مۇشۇ بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنى ئۇلارنىڭ ئەسلى كىملىكىدىن ئايرىپ تاشلاشنى مۇھىم نىشان قىلدى» دېگەنىدى.