يېقىندا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى بۇ يىل ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ھەرقايسى باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە بىر تۇتاش قوبۇل قىلىنغان 134 نەپەر ئالاھىدە شتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.
ئاۋات ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر تىزىملىكتىن ئاشكارىلىنىشىچە، قوبۇل قىلىنغان 134 نەپەر ئالاھىدە شتاتلىق ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاران 5 نەپىرى ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولۇپ، قالغانلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ئىكەن.
ئۇيغۇرلار نوپۇسى زىچ جايلاشقان ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مىللەت تەركىبىدىكى بۇ ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىق دىققەت قوزغىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە توختىلىپ، يۇقىرىقى بۇ ۋەقەنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا رايونلىرىدىمۇ بىردەك مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىش پۇرسەتلىرىدىن خىتايلارنىڭ پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دەرۋەقە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلەردە خىتاي مىقياسى بويىچە ئوقۇتقۇچى ۋە ساقچى خادىمى قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان ئۇقتۇرۇشلارنىڭ ئالاھىدە كۆپلۈكى دىققەت قوزغىغان.
دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېر تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئاز دېگەندە 2 مىليون ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنى لاگېرلارغا قامىغاندىن كېيىن رايوننى خىتاي كۆچمەنلەر بىلەن تولدۇرۇش ئارقىلىق مۇتلەق كونتروللۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.