1-ئىيۇل كۈنى 1997-يىلى خوڭكوڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئەنگلىيەدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىگە 19 يىل تولىدۇ. خوڭكوڭ تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭلۇقلار بۇ يىلمۇ 1-ئىيۇل كەڭ-كۆلەملىك نامايىش پىلانلىغان. نامايىشنىڭ شوئارى «ئىتتىپاقلىشىپ، خوڭكوڭنى ساقلاش» دەپ بەلگىلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 1997-يىلى خوڭكوڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئەنگلىيەدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن بۇيان، خوڭكوڭدا ھەر يىلى 1-ئىيۇلنى خاتىرىلەش نامايىشى داۋاملىشىپ كەلگەن. تەيۋەندىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭدا جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىش تەيۋەن سەي يىڭۋىن ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، تەيۋەننىڭ نۆۋەتتىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى چيۇ سۈيجىڭ 30-ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خوڭكوڭدا بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. چيۇ سۇيجىڭ باياناتىدا يەنە، خوڭكوڭدا پۇقرالىرىنىڭ ھەر يىلى 1-ئىيۇل كۈنى نامايىش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ۋەزىيەتكە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.