خوڭكوڭدا داۋام قىلىۋاتقان خەلق نامايىشىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتۈلدى ھەمدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خوڭكوڭدىكى سىياسەتلىرىگە باغلاندى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى سۈرەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشچىلار 1-ئىيۇل كۈنى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىش بىناسىغا بېسىپ كىرىپ، بىنانى ئىگىلىۋالغان. شۇ چاغدا بىنانىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تامغا «خىتاي جەزمەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدۇ» دېگەن سۆزلەر چوڭ قىلىپ يېزىپ قويۇلغان.
بۇ سۈرەت تارقالغاندىن كېيىن زور بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان. ئامېرىكادىكى جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس جېيمىس مىلۋارد بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «شى ئەپەندى، كۆردىڭىزمۇ؟ سىزنىڭ شىنجاڭدىكى زۇلۇملىرىڭىز ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش› نەزەرىيەسىنى تارىخنىڭ ئەخلەت ساندۇقىغا چۆرۈپ تاشلاش كېرەكلىكىنى تېخىمۇ ئوچۇق كۆرسەتتى،» دېگەن.