خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىنى «تېررورلۇق» قا باغلاپ ئەيىبلەشكە باشلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭلۇقلارنىڭ «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى» غا قارشى قوزغىغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى «تېررورلۇق» قا باغلاشقا باشلىغان.

بۇ يىل 7‏-ئاينىڭ باشلىرىدا پارتلىغان نارازىلىق نامايىشىدا ھۆكۈمەت نامايىشچىلارنىڭ «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇن لايىھەسى» نى بىكار قىلىش، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق 5 تۈرلۈك تەلىپىگە جاۋاب بەرمىگەن. ئەكسىچە ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ، نامايىشچىلارنى باستۇرۇشى نامايىشنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ ۋالىيسىنىڭ نامايىشچىلارغا كۈچ ئىشلىتىشىنى قوللاپ كەلگەن ئىدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ خوڭكوڭ-ماكاۋ ئىشخانىسى 12‏-ئاۋغۇست كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، نامايىشچىلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ «ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرۈش» كە ۋە «تېررورلۇقنىڭ باش كۆتۈرۈش» كە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل «تېررورلۇق» قا باغلاپ باستۇرۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىرتىدا يۈز بەرگەن بىر نارازىلىق ھەرىكىتىنى تۇنجى قېتىم «تېررورلۇق» قا باغلىشىدۇر.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشنى «تېررورلۇق» قا باغلاپ، نامايىشچىلارنى قوراللىق باستۇرۇشنىڭ باھانىسىنى ئىزدىمەكتە ئىكەن. خوڭكوڭ‏-ماكاۋ ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى يۇقىرىقى سۆزلەرنى 11‏-ئاۋغۇست كۈنى نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشقا قارىتا ئېيتقان. يەكشەنبە كۈنىدىكى توقۇنۇشتا بەزى ساقچىلارنىڭ كۆيۈپ يارىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. خوڭكوڭ پارلامېنتىدىكى دېموكراتلار گۇرۇھىنىڭ رەھبىرى ماۋ مىڭجىڭ خىتاي تەرەپنىڭ باياناتىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، تۈنۈگۈنكى توقۇنۇشتا «پۇقرالاردىكى ئاشقۇنلۇق» نى ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، دۈشەنبە كۈنى مىڭلىغان نامايىشچى خوڭكوڭ خەلقئارا ئايرودرومىغا توپلىنىپ، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى پۈتۈن ئايروپىلان قاتنىشىنى بىكار قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ ئايرودرومنى دەرھال بوشىتىشىنى تەلەپ قىلغان.